دۇنيادىكى پۈتكۈل پۇتبول مەستانىلىرىنى تۆت يىل تەقەززا قىلغان دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بۈگۈن 2010-يىلى 6-ئاينىڭ11-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت سەككىزدىن10مىنۇت ئۆتكەندە ئافرىقا قىتئەسىدىكى جەنۇبى ئافرىقا دۆلىتىدە رەسمى باشلاندى،بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 32دۆلەت كوماندىسى قاتناشقان بولۇپ بىر ئاي كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق يېڭى چىمپىيوننى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.ئېچىلىش مۇراسىمى ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى يەرلىك سەنئەت نومۇرى بىلەن باشلاندى،قاينام-تاشقىنللىققا چۆمگەن مەيدان رەڭگارەڭ سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق قىزغىن كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى، تۇنجى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى خەلقىئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بىرات ئەپەندى بىلەن جەنۇبى ئافرىقا زۇڭتوڭى زۇما سۆز قىلدى،زۇما سابىقى رەھبەر ماندېلانىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى يەتكۈزدى، سۆز قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىرات،زۇما،مېكسىكا زۇڭتوڭى كاردېلون قاتارلىقلار ئىككى كوماندا ئەزالىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.شۇنىڭ بىلەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ئۆزبېكىستانلىق رېپىرنىڭ پۈشتەك چېلىشى بىلەن رەسمى باشلاندى.