 باشلىنىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش
روشەنگۈل ئابدۇراخمان خەۋەر قىلىدۇ: تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان، ئاپتونوم رايونىمىز مېيىپلەر تەنھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى نامايان قىلىدىغان كاتتا كۆرەك ئاپتونوم رايونلۇق 5 – نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 16 – ماي چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنھەرىكەت سارىيىدا داغدۇغىلىق باشلاندى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، جاپپار ھەبىبۇللا، ئەركىن تۇنىياز، مەمەتجان ئەمەت، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جيا يۇڭ قاتارلىقلار مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاپپار ھەبىبۇللا مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ئاپتونوم رايونىمىز مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە مېيىپلەرنىڭ ئېگىلمەس – سۇنماس قەيسەر روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىش، جەمئىيەتتە مېيىپلەرنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىشتەك ئەخلاق قارىشى شەكىللەندۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ باراۋەرلىك، قاتنىشىش ۋە بەھر ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مېيىپلەر ئىشلىرىنى ھەم تېز، ھەم ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مېيىپلەر ماھارەت تەنتەربىيەسىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىدە ئولىمپىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆز ماھارىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە نامايان قىلىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئاپتونوم رايونىمىز تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور، قاتناشقان تەنھەرىكەتچى سانى ئەڭ كۆپ مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، 20 – مايغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە مېيىپلەر كەسپىي مەكتەپلىرىدىن كەلگەن 16 كوماندىدىكى 700 نەچچە ماھىر يېنىك ئاتلېتىكا، تىكتاك توپ، پەي توپ ۋە شتانكا كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ، 280 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىپ، مېيىپلەرنىڭ ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشتەك جۇشقۇن روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ.


|