 ئالاقە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى 13–ماي چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 12–نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئالاقە يىغىنىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپىپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئازات تۇرسۇن، شۇنداقلا 15 ۋىلايەت، ئوبلاست ( شەھەر) لاردىكى تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئۈرۈمچى تەنتەربىيە ئىدارىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنجوڭ مۇسابىقە تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹ ئۈرۈمچى شەھىرى 12– نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ خىزمەت كومىتېتىنى قۇرۇپ ، ئىشخانا ، مۇسابىقە باشقارمىسى، چوڭ تىپتىكى پائالىيەت باشقارمىسى، ئاخبارات تەشۋىقات باشقارمىسى، مەمۇرى قوبۇل قىلىش باشقارمىسى ، ئامانلىق قوغداش باشقارمىسى، شەھەر مۇھىتى باشقارمىلىرىنى تەسىس قىلدۇق. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئۈرۈمچى تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ‹‹ 12–نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ››نى داغدۇغىلىق، قىزغىن، ئىناق، قانائەتلىنەرلىك قىلىپ ئۆتكۈزۈشكە ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار . ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 12–نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا جەمئىي 18 چوڭ تۈر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 10 رايون، ناھىيە كونكىرت ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ . ھەر قايسى مۇسابىقە مەيدانلىرىنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ، ئىككى مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ ، دۆلەتنىڭ مۇسابىقە تەرتىپى ۋە بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇسابىقە ئەسلىھەلىرى سېتىۋالدۇق .
 ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئازات تۇرسۇن سۆز قىلماقتا
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئازات تۇرسۇن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 12–نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى كونكىرت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى : ‹‹ 12–نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇسابىقە ئىستىلى ، مۇسابىقە ئىنتىزامى ۋە روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ھەر قايسى مۇسابىقە تارماقلىرى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى كېرەك ›› . يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئازات تۇرسۇن 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بىلەن روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسىنى ئىمزالىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنجوڭ يىغىننىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا
|