
19–فېۋرال ، 2009–/ 2010–يىللىق CBA نىڭ 24–ئايلانما مۇسابىقىسىدە ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 92 گە قارشى 103 نەتىجە بىلەن ‹‹ بىرىنچى ئاۋغۇست ›› كوماندىسىنى ئۇتۇپ ، ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى ؛ ‹‹ بىرىنچى ئاۋغۇست ›› كوماندىسى بولسا يېقىنقى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرىۋەتتى . مۇسابىقە تەرتىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرغاندا ، كىلەر مەيدان مۇسابىقىدە ، ‹‹ بىرىنچى ئاۋغۇست ›› كوماندىسى لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن ، شىنجاڭ كوماندىسى فۇجيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىكەن .
|