شىنجاڭ چىرا ناھىيىسىدىكى ئامما ئوغلاق تارتىش مۇسابىقىسىغا قاتناشتى

غەيرەت مەمتىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : 1 ــ مارت ، چىرا ناھىيىسى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك دېھقان ــ چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ھەر قايسى كەنتلەردىكى ئامما ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ، ئوغلاق تارتىش ، ئات چاپتۇرۇش ، قوچقار سوقۇشتۇرۇش ، ئىت تالاشتۇرۇش ، توخو سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى مۇسابىقە تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقىلەشتى . مۇسابىقە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ قىزىقىپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولدى .
|