جىڭ ناھىيەسى‹‹مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن››شەرىپىگە ئېرىشتى
تۇرسۇن ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9 دىن ئاشقان بولسىمۇ، جىڭ ناھىيەلىكتەنتەربىيە سارىيى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. مەن بۇ يەردە ھەر مىللەت ئەر – ئايال، ئۆسمۈر بالىلىرىنىڭ ۋاسكېتبول، پەي توپ، تىكتاك توپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ھال جىڭ ناھىيەسىدىكى ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىيات سەۋىيەسىنى نامايان قىلماقتا ئىدى. جىڭ ناھىيەسىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، تەنتەربىيە سارىيى، توپ مەيدانى، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مەيدانى، يېزا (بازار)لارنىڭ مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مەركىزى، كەنتلەردىكى مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن يېزىلاردا تەنتەربىيە ئىشلىرى يۈكسىلىپ، ساغلاملىق قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسى، ۋاسكېتبول جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدا يېڭىچە تەرەققىيات ئەندىزىسى بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ يېزا، كەنتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹100 كۈنلۈك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيىتى مۇسابىقىسى››، ‹‹مەيدان مەدەنىيەت بايرىمى››، ‹‹تەنتەربىيە ساغلاملىق بايرىمى›› قاتارلىق ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ناھىيە بويىچە ۋاسكېتبول، تىكتاك توپ، پەي توپ، ۋېلىسىپىت چاپتۇرۇش، ئارقان تارتىشىش، شاھمات ئويناش، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش قاتارلىق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەنھەرىكەت يىغىنى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە چېنىقىش پائالىيەتلىرى 100 مەيدان (قېتىم) غا يېقىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قاتناشقان ۋە كۆرگەنلەر 100 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى. ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكتىن، يېقىندا بۇ ناھىيە دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ‹‹مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن ›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.
|