باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە >>  
 
ياش كارخانىچى ئابدۇخېلىل مۇتەللىپ تەنھەرىكەت مەيدانى ياسىدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-09 11:29:37  يازغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:510   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

ياش كارخانىچى ئابدۇخېلىل مۇتەللىپ تەنھەرىكەت مەيدانى ياسىدى


  مەتقاسىم ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ: تەنتەربىيە ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كۈچەيتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ياش كارخانىچى، خوتەن ‹‹ھېيتگاھ›› ئۆي – مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئابدۇخېلىل مۇتەللىپ 4مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تەنتەربىيە مەيدانى ياسىدى.
   ئابدۇخېلىل مۇتەللىپ 2008 – يىلىنىڭ بېشىدا خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزىسىدا تەنھەرىكەت مەيدانى ياساشنى باشلاپ، بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئەسلىھەلىرى تولۇق، بۇتبول، ۋالىبول، ۋاسكېتبول، چېلىشىش، دارۋازلىق مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغان 50 مو كۆلەمدىكى تەنھەرىكەت مەيدانىنى پۈتتۈردى. بۇ مەيدان ياسالغاندىن ھازىرغىچە، خوتەن شەھەرلىك 4 – نۆۋەتلىك دېھقان – چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ، نورۇز بايراملىق پائالىيەت، ياشلار – ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا، ھەر شەنبە كۈنى مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ماھارىتىنى نامايان قىلىدىغان، ئەمەلىي ماھارەت يېتىلدۈرىدىغان مۇھىم سورۇنغا ئايلاندى. بۇ مەيدان يەنە خوتەن ۋىلايىتىدىن ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ 7 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنى مەشىق قىلدۇرۇپ تەربىيەلەش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى.

 

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991