يەكەن دېھقانلىرى تەنھەرىكەتتە مۇسابىقىلەشتى
ئىپارقىز غىياس خەۋەر قىلىدۇ: 11 – ئاينىڭ 17 – كۈنى يەكەن ناھىيىسىنىڭ يىڭى تەنتەربىيە مەيدانىدا ناھىيە بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقان – چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە ۋېلىسىپىتنى ئاستا ماڭدۇرۇش، ئارقان تارتىشىش، چېلىشىش، ۋالىبول ئويناش تۈرلىرى بويىچە تۆت كۈن داۋام قىلدى، مۇسابىقىدە ناھىيىدىكى ھەر قايسى يېزا(بازار)، مەيدان، مەھەللىدىن تەشكىللىگەن 45 كوماندىدىكى 1800 تەنھەرىكەتچى ماھارەت مەيدانىدا ئادىل رىقابەتلىشىپ، يىڭى دەۋر دېھقانلىرىنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلدى. مۇھەررىر: نىجات
|