ئۇچۇر يوللايمەن ئالبۇم،فىلىم ئىشلەش خىزمەتچى ئىزدەش خىزمەت ئىزدەش ئۆي ئىجارىگە ئېلىش ئۆي ئىجارىگە بىرىش  ئۆي ئېلىش   ئۆي سېتىش   باش بەت 
مۇلازىمەت تۈرلىرى
ئۆي- مۈلۈك ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتى  
خىزمەت ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتى  
ئالبۇم،فىلىم ئىشلەش مۇلازىمىتى  
مۇلازىمەت مەركىزى كۆزنىكى  
ھۆرمەتلىك ئابونت سىز باس-باس ئۇچۇر مەركىزىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياج ئۇچۇرلىرىڭىزنى ھەقىسىز يوللىيالايسىز،سول تەرەپتىكى <<ئۇچۇر يوللايمەن>> كۇنوپكىسىنى بېسىپ ئۇچۇلىرىڭىزنى يوللاڭ !
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: >> خىزمەتچى ئىزدەش
 
قەشقەر ھەرەمباغ مېھمانخانىسى جىددىي خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
يوللانغان ۋاقىت: 2011-05-23 كۆرۈلىش سانى: 3478
قەشقەر ھەرەمباغ مېھمانخانىسى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى شىنجاڭ ھەرەمباغ سودا چەكلىك شىركىتى، قەشقەر ھەرەمباغ مېھمانخانىسى. مېھمانخانىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ياخشى تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئاساسلىق نىشانىمىز ئۇيغۇر تائاملىرىنى چەت دۆلەتلەرگە، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ تائاملىرىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كىرىش ۋە كۆپلىگەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ چىقىش، مۇنتىزىملاشقان ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنى يېتىلدۈرۈپ ئۇيغۇر تائاملىرى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىغان. نۆۋەتتە ھەرەمباغ مېھمانخانىسى ۋە قەھۋەخانىسى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تىجارەت دائىرسىنى كېڭەيتىش سەۋەبى بىلەن جەمئىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ياشلار ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا خىزمەت پۇرسىتى بېرىپ جەمئىيەتنىڭ بىسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك خىزمەت ئورۇنلىرىنى ھازىرلىدى: 1. ئامانلىق ساقلىغۇچى1 نەپەر ئاساسىي مائاش(1000)يۈەن + يوقلىما مائاش(100)يۈەن ياش ئۆلچىمى :20-30 بوي ئېگىزلىكى 1.75 دىن يۇقىرى، بەش ئەزاسى تولۇق، مەسئۇلىيەت ئېڭى يۇقىرى بولغان ئوغۇللار . 2. قەھۋەخانا مۇلازىمەتچىسى 20 نەپەر ئاساسىي مائاش(1000)يۈەن + يوقلىما مائاش(300)يۈەن + ئۈنۈم مائاش ياش ئۆلچىمى :18-28بوي ئېگىزلىكى 1.65 دىن يۇقىرى، بەش ئەزاسى تولۇق، مەسئۇلىيەت ئېڭى يۇقىرى بولۇش، كېلىشكەن، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان ئوغۇللار . 3. قەھۋەخانا ۋە مېھمانخانا پۇل يىغقۇچى 2 نەپەر ئاساسىي مائاش(1200يۈەن + يوقلىما مائاش(100)يۈەن ياش ئۆلچىمى:20-30 بوي ئېگىزلىكى 1.65 دىن يۇقىرى، بەش ئەزاسى تولۇق، مەسئۇلىيەت ئېڭى يۇقىرى كومپيۇتېر ئاساسى بىلىملىرىگە ئىگە، سۆز قابىلىيىتى يۇقىرى تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيىگە ئىگە بولغان قىز-ئوغۇللار. 4. توك - سۇ يوللىرى رېمۇنىتچىسى 1نەپەر شەرت:توك يوللىرى ۋە سۇ يوللىرىدىن كاشىلىرىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان، مەسئۇلىيەتچانلىقى يۇقۇرى، قائىدە - تۈزۈمگە ئاڭلىق بوي سۇنىدىغان 20ياشىن 30ياشقىچە بولۇشى لازىم. 5. مالىيە بۆلۈمگە 2 نەپەر تولۇق ئوتتۇردىن يۇقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ھىساباتتىن خەۋىرى بار، قائىدە تۈزۈم ۋە ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان، كاللىسى ئۆتكۈر بولۇشى لازىم! تەمىنات: 1. يۇقىرىقى خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ياتاق تاماق كۆتۈرۈلىدۇ؛ 2. بىر يىلدىن ئارتۇق ئەمگەك توختامى تۈزگۈچىلەرگە بەش خىل سۇغۇرتا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئالتە ئايدا 50 يۈەندىن خىزمەت ستاژ مائاشى قوشۇلىدۇ؛ 3. قەشقەر ھەرەمباغدا ئىلغار باھالانغان يولداشلارنىڭ تەلىپى ۋە ئىقتىدارىغا ئاساسەن باش شىركەتكە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ يۆتكىلىدۇ؛ ئادىرېس: قەشقەر سەمەن يولى 148 -نومۇر، نوربىشى دوقمۇشى، خۇاكاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا، چىنىباغ مېھمانخانىسىنىڭ يېنىدا؛ ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇۋەلى TEL: 13999631645 FAX:0998-2982242
تېلېفۇن: 13999631645 ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇۋەلى
 
تەۋسىيە ئۇچۇرلار  
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 13139888848,15999163133
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ