|
|
شەھلا تويلۇق سۈرەتچىلىكى ۋاكالەتچى چاقىرىدۇ |
 |
يوللانغان ۋاقىت:
2011-05-12 كۆرۈلىش سانى:
1501 |
شەھلا تويلۇق سۈرەتچىلىكى ۋاكالەتچى چاقىرىدۇ
شىنجاڭ شەھلا تويلۇق سۈرەتچىلىكى تارماق سۈرەتخانا ئېچىلمىغان ئورۇنلاردىن تارماق سۈرەتخانا ئاچىدىغان ۋاكالەتچى چاقىرىدۇ.
تىزىملىتىش ۋاقتى: 5-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە.
ئورنى: ئۈرۈمچى شەھرى قىران بۈركۈت سودا سارىيىنىڭ 6-قەۋىتىدە.
تور بەت ئادرىسىمىز: http://www.xehla.com http://www.toysuret.com
مۇڭداشقۇ: 2224970377
قىزىق لېنىيە تېلفۇنىمىز: 2808336-0991 يانفۇن: 13699995246
سىزمۇ تويلۇق سۈرەتخانا ئېچىپ پۇل تاپالايسىز!
ئاز ئىشلەپ، كۆپ پايدا ئالىدىغان، بىخەتەر، كۈڭۈللۈك كەسىپلەر كۆپ ئەمەس ھەم بۇنداق كەسىپلەرگە ئايرىم ساندىكى ئادەملەرلا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.
ئۇنداقتا، سىزمۇ مۇشۇ خىلدىكى بىرەر كەسىپنى تۇتۇپ، ئۈزىڭىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى باشلاشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
ئۇنداقتا تۈۋەندىكى قۇرلارغا نەزەر سېلىڭ.
بەلكىم بىلىسىز! ۋىناس تويلۇق سۈرەتچىلىكى(维纳斯)، «ئالتۇندەك رەپىقەم» تويلۇق سۈرەتچىلىكى(金夫人)، پارىزدا ئەتىياز تويلۇق سۈرەتچىلىكى(巴黎春天)، نىيۇ-يۇرك تويلۇق سۈرەتچىلىكى (纽约纽约) قاتارلىق داڭلىق سۈرەت تارتىش ئۇرۇنلىرى بار، ئۇلار كۈندىن - كۈنگە كىڭىيىپ، كۈچيىپ، يىلدا نەچچە مىلىيۇن يۈەنلىك ئېلان چىقىمى، بازاردىكى ئەڭ ئاۋات ئورۇنلاردىكى دۇكانلارنىڭ ئىجارە ھەققى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يوقىرى مائاشىنى تارقىتىپ، يەنە نۇرغۇن پايدا ئالىدۇ.
قارايدىغان بولساق، يۇقارقى سۈرەتخانىلار رايونىمىزدىكى ھەر قايسى شەھەر، ناھىيىلەردىمۇ بىر ئىككىدىن تارماق سۈرەتخانا قۇرۇپ، بازار ئېچىۋاتىدۇ، سودىسى ياخشى بۇلۇۋاتىدۇ. بەزى سۈرەت، گىرىم، كىيىملەر بىزنىڭ ئادىتىمىزگە ماس كەلسىمۇ، بەزىلىرى ماس كەلمەيۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە بىزنىڭ ئېچىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان چوڭ بىر بازار بار.
بۇلار قانداق يۇقىرى ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتىدۇ -، دەمسىز؟
بەلكىم سىزمۇ تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈپ باققانسىز ياكى باھاسىنى كۆرگەنسىز ۋە ياكى باشقىلاردىن ئاڭلىغانسىز، تويلۇق سۈرەت چۈشۈش باھاسى بەك يۇقىرى. بىراق نۇرغۇن ئادەملەر باھا قوغلىشىپ سۈرەتكە چۈشىدۇ. لىكىن سۈرەت، ئالبۇملارنىڭ پۈتۈش چىقىمى ئىنتايىن تۈۋەن. 30يۈەنگە چىقىدىغان سۈرەتنى 300يۈەنگە، 120يۈەنگە پۈتىدىغان ئالبۇمنى سىزگە 1500يۈەنگە بەرسە پايدا چىقماي قالامدۇ؟
مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا شۇ پۇللارنى باشقىلارغا بەرگۈچە ئۈزىمىز تاپساق بولماسمۇ؟
سىزمۇ تويلۇق سۈرەتخانا ئېچىپ پۇل تېپىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟
ئاشۇنداق تويلۇق سۈرەتخانىسى ئېچىشقا قانچىلىك مەبلەغ كىتىدىغاندۇ-، دەپ ئويلاۋاتقانسىز بەلكىم! 500مىڭ يۈەنمۇ؟ 200مىڭ يۈەنمۇ؟
ياق، 60مىڭ يۈەندىن 80مىڭ يۈەنگىچە مەبلەغ كىتىدۇ. (بۇنچىلىك پۇلنى تاپالمايمەن دېسىڭىز، ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرىغىچە نامراتلىقتا ئۈتۈپ كىتىسىز دىگەن گەپ).
-خېرىدار كىرمىسە قانداق قىلىمىز-، دەمسىز؟
خېرىدار كىرمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ كەتمەڭ، باشقىلارنىڭكىگە كىرگەن خېرىدار سىزنىڭكىگە كىرمىسىمۇ قاراپمۇ باقماسمۇ؟ باشقىلار قوللانغان تەشۋىقات ئۇسۇللىرىنى بىز قوللىنالماسمىزمۇ؟ باشقىلار قىلغان مۇلازىمەتنى بىز قىلالماسمىزمۇ؟ ھەتتاكى باشقىلار قىلالمىغان تەشۋىقات ئۇسۇللىرىنى بىز قىلالايمىز.
باشقىلاردەك سۈرەت چىقىرالامدۇق-، دەپ سۇراۋاتامسىز؟
ئەلۋەتتە، باشقىلاردەك ۋە ئۇلاردىن ياخشىراق سۈرەت چىقىرالايمىز. بىزنىڭ تېخنىك خادىملىرىمىز سىلەرنى ياخشى گىرىم قىلالىغۇدەك، ياخشى سۈرەت تارتالىغۇدەك دەرىجىدە ئۈگىتىپ چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى خادىملىرىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مەخسۇس سۈرەت گىرىمى قىلىش، سۈرەت تارتىش ۋە لاھىيلەش كەسپىدە تەربىيلەنگەن، ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋە نەچچە يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە خادىملاردىن تەشكىل تاپقان.
بىزمۇ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، ئورتاق ئۈگىنىپ ئىگىلىك تىكلەش يۇلىدا ئىزدىنىپ باقايلى. ئۇيۇشقان بىر توپقا كىممۇ رىقابەتچى بۇلالىسۇن؟
ھازىر قۇمۇل شەھرى، ئاتۇش شەھرى، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيىسى، كورلىنىڭ چەرچەن ناھىيىسى، چاقىلىق ناھىيىسى، غۇلجىنىڭ سۈيدۇڭ ناھىيىسى، چۆچەكنىڭ شىخۇ ناھىيىسى، ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسى، قەشقەرنىڭ مارالبېشى، پەيزىۋات، پوسكام، يەكەن، مەكىت ناھىيسى قاتارلىق 13 ئۇرۇندا تارماق سۈرەتخانا ئېچىلىپ، قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش سېپى قۇرۇلدى.
ئاللاھ بىزنىڭمۇ نىسىۋىمىزنى مۇشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن بىرىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
بىزمۇ ئازراق جاپا تارتىپ، كۆپرەك پۇل تاپىدىغان ئىشلارنى قىلىپ باقايلى، قاچانغىچە باشقىلارغا ئىشلەپ، باشقىلارغا «ھەۋەس» قىلىپلا ئۆتۈپ كىتىمىز .
«شەھلا» ماركىسى - سىزنىڭ ۋە مىنىڭ ماركام، شەھلا ماركىسىنى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىگە تونۇتۇش، سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ پارلاق كەلگۈسىمىزدىن دىرەك بىرىدۇ. تېخنىكا ۋە تەشۋىقات بىزدىن، خېرىدارغا مۇلازىمەت قىلىش سىزدىن، قېنى كىلىڭ، بىزنىڭ سىپىمىزگە قوشۇلۇڭ، پارلاق كەلگۈسىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالايلى! بىرلىكتە داڭلىق ماركا يارتىپ، ئۈزىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىنى ياسايلى!
شەھلا تويلۇق سۈرەتچىلىكى ھەققىدە
تويلۇق سۈرەت تارتىش تۈرى رايونىمىزغا كىرگەندىن كىيىن كۆپلىگەن تويلۇق سۈرەتخانىلار بارلىققا كەلدى.
نۆۋەتتە، شەھلا تويلۇق سۈرەتچىلىكى تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا ئۈزىگە خاس يول تۇتۇپ، كۈلەملەشكەن، ئەڭ كۆپ ئورۇنغا تارقالغان تويلۇق سۈرەتخانا بولۇپ قالدى. بۇ تويلۇق سۈرەتخانىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە 13ئورۇندا تارماق سۈرەتخانىسى بولۇپ، ھەقىقىي مۇكەممەللەشكەن، مۇنتىزىملاشقان بىر سېستىمىغا ئايلاندى.
شەھلا تويلۇق سۈرەتچىلىكى ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزى بولغان خەلقئارا چوڭ بازاردىكى قىران بۈركۈت سودا سارىيىغا جايلاشقان. سۈرەتخانا كۈلىمى 423 كۇۋادراتمىتىر، كەسىپ تۈرلىرىمىزدىن تويلۇق سۈرەت تارتىش، بەدىئى سۈرەت تارتىش ۋە مەھسۇلات سۈرەتلىرىنى تارتىش، شۇنداقلا تارماق سۈرەتخانا ئېچىش، فوتوگراف ۋە تويلۇق سۈرەتخانا گىرىمچىكلىرىنى تەربىيلەش، سۈرەتچىلىك ئۈسكۈنىلىرى ۋە توي كۆينەكلىرىنى سېتىش قاتارلىقلار بار.
«شەھلا تويلۇق سۈرەتچىلىكى» نىڭ ئالاھىدىلىكى تۈۋەندىكىچە:
1. بۇ تويلۇق سۈرەتخانىنىڭ باش دىرىكتۇرى مۇرادىل ئەپەندى بېيجىڭدىكى تۆت يىللىق فوتوگرافىيە، بازار ئېچىش بىلىملىرىنى ئۈگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا نۇرغۇن تەجرىبە توپلىغان بۇلۇپ، سەككىز يىللىق كەسپىي ھاياتىدا نۇرغۇن ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق بۇ تويلۇق سۈرەتخانىنى قۇرۇپ چىققان.
2. سۈرەتچىلىك، گىرىمچىلىك ساھەسىدىكى ئەڭ ئىقتىدارلىق خادىملاردىن تەشكىل تاپقان خىزمەتچىلەر قوشۇنى بۇ تويلۇق سۈرەتخانىنى رايونىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار سەۋىيگە يەتكۈزدى. گىرىم ئوقۇتقۇچىسى گۇلناز مۇئەللىم ئۈرۈمچى ۋىناس تويلۇق سۈرەتچىلىكى ۋە شىئەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا كەسپىي گىرىم يىتەكچىسى بۇلۇپ ئىشلىگەن ھەمدە بېيجىڭ ماۋگېپىڭ ئوبراز لاھىيلەش مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن. فوتوگرافىيە ئوقۇتقۇچىسى زۆھرە مۇئەللىم «بېيجىڭ داڭلىق شەخس گىرىمچىلىك، سۈرەتچىلىك، ئوبراز لاھىيلەش مەكتىپى» دە ئوقۇغان ھەمدە تۆت يىللىق فوتوگرافىيە كەسپىي تارىخىغا ئىگە فوتوگراف. ئوبراز لاھىيە ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرىشىت مۇئەللىم بەش يىللىق كىيىم لاھىيلەش تارىخىغا ئىگە، شۇنداقلا مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئىشلىگەن. بېيجىڭ داڭلىق شەخىس گىرىمچىلىك، سۈرەتچىلىك مەكتىپىنىڭ ئوبراز لاھىيلەش كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان. پەرھات مۇئەللىم جۇڭگۇ مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتوتىنىڭ لاھىيلەش كەسپىدە ئوقۇغان.
3. تارماق سۈرەتخانا خادىملىرىنى تەربىيلەش شارائىتى تۇلۇق، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل ئۈگۈنۈش شارائىتى ھازىرلانغان. مەخسۇس گىرىم ئۈگىنىش دەرسخانىسى، فوتوگرافىيە نەزەرىيە ئۈگىنىش دەرسخانىسى، فوتوگرافىيە ئەمەلىيەت دەرسخانىسى، كومپىيوتېردا سۈرەت لاھىيلەش دەرسخانىسى تەسىس قىلىنغان، ئۆلچەملىك ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن، مەخسۇس مودىل تەكلىپ قىلىنغان، كۇرسانىتلارغا نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت دەرسى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۈزى قول سېلىپ ئۈگۈنۈش شارائىتى يارتىلغان.
4. داۋاملىق تەتقىق قىلىش، تەربىيلەش تۈزۈمى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار دائىم ئىزدىندىغان، يېڭىلىق يارتىدىغان، يېڭىلىقلارنى تارماق سۈرەتخانىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىدىغان شارائىت ھازىرلاندى ھەمدە ھەر قايسى تارماق سۈرەتخانىلار ئۆز ئارا ئۈگىنىدىغان، ئۆز-ئارا پىكىرلىشىدىغان سورۇنغا ئىگە قىلىندى.
5. «شەھلا تويلۇق سۈرەتچىلىكى» تارماق سۈرەتخانا ئېچىش، سۈرەتخانا خادىملىرىنى تەربىيلەش ئارقىلىق سۈرەتخانا ئېچىش، باشقۇرۇش، خېرىدار جەلىپ قىلىش جەھەتتە زور ئۇتۇق قازاندى.
6. «شەھلا تويلۇق سۈرەتچىلىكى»دە ھازىرقى زامان فوتو-سۈرەت تارتىش، گىرىم قىلىش تېخنىكىسىنى مىللىتىمىزنىڭ ئۆرىپ-ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، ھەقىقىي مىللىي ئۇسلۇبتا سۈرەت تارتىش يولغا قويۇلدى.
7. نۆۋەتتە، «شەھلا تويلۇق سۈرەتچىلىكى» مۇكەممەل پىلان بويىچە سىجىل تەرەققىي قىلىپ، شىنجاڭدىكى تېخنىكىسى ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ كۆپ رايونغا جايلاشقان تويلۇق سۈرەتخانىغا ئايلاندى.
تارماق سۈرەتخانا ئاچقۇچىلارغا تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلىرىمىز
1. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدە شەھلا تويلۇق سۈرەتچىلىكىنىڭ بىردىن تارمىقى ئېچىلىدۇ ۋە بىر تۇتاش داڭلىق ماركىمىز «شەھلا» ماركىسىنى ئىشلىتىدۇ شۇنداقلا بۇ شەھەر، ناھىيىدە ئوخشاش ماركىلىق باشقا سۈرەتخاننىڭ ئېچىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. (بۇ ماركا ئەنگە ئېلىنغان قانۇنلۇق ماركا بولۇپ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ، ھازىرقى توختام تۈزۈلۈپ بولغان 13 ئۇرۇنغا تىزىملىتىشقا بولمايدۇ).
2. سۈرەتخانىڭىزنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە لاھىيە تۈزۈپ بىرىمىز ۋە سۈرەتخانىڭىزغا بېرىپ، سۈرەتخانا ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىزەش لاھىيىسىنى ماسلاشتۇرۇپ بىرىمىز. سۈرەتخانا بىزەش لاھىيسىگە ئىشلىتىلدىغان ئالاھىدە ماتىرىياللارنى بىر تۇتاش سېتىۋېلىشقا يىتەكچىلىك قىلىمىز.
3. توي سۈرەتچىلىكىگە ماس كىلىدىغان ھەقىقىي ئۈسكۈنىلەرنى توپ سېتىۋېلىشقا تەشكىللەپ، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش چىقىمىنى تۈۋەنلىتىمىز.
4. فوتو ئاپارات ئىشلىتىش تېخنىكىسى، سۈرەت تارتىش تېخنىكىسى، سۈرەت گىرىمى قىلىش تېخنىكىسى، سۈرەت لاھىيلەش تېخنىكىسى، سۈرەتخانا باشقۇرۇش، مالىيە باشقۇرۇش، بازار ئېچىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، خېرىدارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئالبۇم ئىشلەش، سۈرەتنى رامىكغا ئېلىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۈگۈتىمىز، سۈرەتخانا خادىملىرىغا قارىتا پەسىللىك، يېرىم يىللىق، يىللىق تەربىيلەش كۇرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا، بىلىملەرنى ئۈگىتىمىز. تەربىيلەشنىڭ ئاخىرىدا ب تەرەپ تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتكەن خادىمدىن ئىمتىھان ئېلىپ لاياقەتلىك بولغاندا ئاندىن ئىشقا چىقىرىمىز.
5. توختام مۇددىتى ئىچىدە كومپىيوتېردا سۈرەت لاھىيىلەشكە لازىملىق سۈرەت تەگلىكى، يۇمشاق دىتاللار بىلەن تەمىنلەيمىز. يېڭى مەھسۇلاتلاردىن ئالدى بىلەن تارماق سۈرەتخانىلارنى خەۋەردار قىلىمىز. سۈرەتچىلىككە كىتەرلىك ماتىرىياللارنى داۋاملىق ئىچكى باھادا سېتىپ بىرىمىز.
6. باھا سېستىمىسى تۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۈگۈتىمىز، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيتى لاھىيسىنى تۈزۈپ يولغا قويىمىز ۋە يىتەكچىلىك قىلىمىز.
7. سۈرەتچىلىك ساھەسىدە داۋاملىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ب تەرەپكە ئۆتۈنۈپ بىرىمىز. باش تېما ماتېرىياللىرىنى چىقىم باھاسىدا بىرىمىز.
8. سۈرەتلىرىڭىزنى ئەڭ ئەرزان باھادا سۈپەتلىك يۇيۇپ، ئالبۇم ياساپ، ۋاقتىدا سىزگە ئەۋەتىپ بىرىمىز.
9. مۇشۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئېلان بىرىپ داڭلىق ماركا يارتىمىز. تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى بىر تۇتاش بېسىپ تارقىتىپ بىرىمىز. ئۇلىنىش تورى ۋە ئۇچۇر تورلىرىغا ئېلان بىرىپ، سۈرەتخانىمىزنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى يوقىرى كۈتۈرىمىز.
10. بىز ئىگە بولغان «توي سۈرەت تورى» ۋە «شەھلا تورى»نى ب تەرەپنىڭ پايدىلىنىشىغا ھەقسىز ئېچىپ بىرىمىز. ھېچقانداق چەكلىمە قويمايمىز. «شەھلا سۈرەتچىلىك تور بىكىتى» ئارقىلىق، تور ساھەسىدە سۈرەتخانىنىڭ ئابرۇيىنى ئۆستۈرىمىز ھەمدە تارماق سۈرەتخانىلارنى ئايرىم سەھىپىدە چۈشەندۈرىمىز.
11. مۇلازىمەت سېستىمىسى ۋە سۈپىتىنىڭ بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تارماق سۈرەتخانىلارنىڭ ئومۇمىي ئوبرازى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىمىز. يۇلۇققان، ساقلانغان مەسىللەرنى تۈزۈتۈش توغرىسىدا تەربىيلەش ئېلىپ بارىمىز.
12. تارماق سۈرەتخانىغا داۋاملىق مەسلىھەت بىرىپ، قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىمىز.
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار تۈۋەندىكىچە:
1. شەھلا تويلۇق سۈرەتچىلىكىمىز شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ناھىيە ۋە شەھەرلىرىدە بىر ۋە پەقەت بىرلا تارماق سۈرەتخانا ئاچىدۇ.
2. ئوقۇتۇش سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىر قېتىمدا پەقەت بەشلا ئۇرۇنغا تارماق سۈرەتخانا ئېچىلىدۇ.
3. تەربىيلىنىشكە تىگىشلىك خادىملار گۈزەللىك ئېڭى جەھەتتە سىناقتىن ئۆتكەندىن كىيىن، ئاندىن كۇرسقا قاتناشتۇرۇلىدۇ. مەدەنىيەت سەۋىيىسى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىڭدىن يوقىرى بولسا بۇلىدۇ.
4. بارلىق ئىشلىرىمىز قانۇنىي تەرتىپ بويىچە، توختام ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5. باشقا ئىشلارنى تېلفۇن ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈڭ.
|
تېلېفۇن:
13699995246 |
ئالاقىلاشقۇچى: مۇرادىل |
|
|
|
|
 |
|
|
|