بىر كۈنى بىر ئادەم قەشقەردە كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىپتۇ، قارىسا ئاپتۇبۇستا ئادەم شۇنداق جىق، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم بىكار تۇرغۇچە دەپ ئەمۋاينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرغاچ ماڭاي دەپ ، يېنىدىن ئەمۋاينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چىقىرىپ يېنىدىكى ئورۇق بىر ئادەمگە:
«ئاكا، سېلىدە ۋېتامىن س كەم ئىكەن. بەكلا ئورۇقلاپ كىتىپلا، ماۋۇ دورىنى يىسىلە بىردەمدە سەمىرىيلا، بۇ ۋېتامىن س تولۇقلايدۇ، ئەمۋاينىڭ مەھسۇلاتى... » دەپتۇ. ھېلىقى ئادەم ئالمايمەن دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم يەنە پاكارراق كەلگەن بىر كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، :« ئاكا ، سېلىدە ۋېتامىن ئا كەم ئىكەن ، بويلىرى شۇڭا ئۆسمەپتۇ. مانا ماۋۇ ئەمۋاينىڭ دورىسى، مەخسۇس ۋېتامىن ئا تولۇقلايدۇ. بويلىرى بىرەر ئايدىلا كۆرۈنەرلىك ئىگىزلەيدۇ... » دەپتىكەن، ھېلىقى پاكار ئادەم ئۇ ئادەمگە سەت بىرنى قارىۋېتىپ: « ئۇكوممممممممم، ئاپتۇبۇستا پەقەت جىم تۇرالمايۋاتىلا، قارىغاندا سېلىدە ۋېتامىن غ بىلەن ۋېتامىن ت كەم ئوخشايدۇ جۇما، مۇشۇ ئىككىسىنى قوشۇپ تولۇقلاپ بەرسىلىرى ئاپتۇبۇسقا چىققاندا قىسىپ ، جىم ئولتۇردىغان بولىلا» دەپتۇ.
***********************************************************
بىر كۈنى بىر ئادەم قەشقەرلىكنىڭ ئاشخانىسىغا تاماققا كىرىپتۇدە:
ھەي تاڭجاڭ، لەغمەندىن بىژنى دەپ قويۇپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇزاق قالماي لەغمىنى چىقىپتۇ، قارىسا چوكا يوق، يا چوكا ئەكەپ بىرەي دىمەپتۇ.
بۇ ئادەم ئولتۇرۇپتۇ، ئولتۇرۇپتۇ ئاخىرى ئاچچىقى كىلىپ:
ۋاي تاڭجاڭ ، لوبىنىڭنى قىچاغىنە ؟ دەپتۇ. لوبىنى كىلىپ:
ھە نىمە بولدى؟ دەپتۇ. ھېلىقى خېرىدار كۆرسەتكۈچ بارمىقىدا لەغمەننى كۆرسەتكۈدەك. لوبەن يەنە سوراپتۇ:
ھە نىم بولدى؟ ھېلىقى خېرىدار يەنە كۆرسەتكۈچ باسقۇچىدا لەغمەننى كۆرسىتىپ يەنە ئولتۇرغۇدەك.
لوبەننىڭ ئاچچىقى كىلىپ:
ھە نىم بولدى؟ لەغمەننىڭ سېيى ئاچچىق بولۇپ قاپتىمۇ ياكى تۇزى ئارتۇق بولۇپ قاپتىمۇ؟ يا چۆپى خام بولۇپ قاپتىمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. خېرىدار:
يەپ باقسىلا؟
لوبەن قارىسا چوكا يوق:
چوكا بولمىسا نىمىدا يەيمەن بۇنى؟ خېرىدار لوبەنگە قاراپ:
مەزمۇن مۇشۇ يەردە ئەمەسما دىگۈدەك.
***********************************************************
بىر كۈنى يەنە ئاشۇ ئادەم بىر ئاشخانىغا كىرىپ لەغمەندىن بىرنى بۇيرۇتۇپتۇ، بۇ ئادەمنىڭ لەغمىنى چىقىپ چوكا يوق ئولتۇرغۇدەك، بۇ ئادەمنىڭ يەنە ئاچچىقى كىلىپ:
-خېنىم مەكەسىلە!
ھە نىم بولدى؟
ما لەغمەنگە بەش مىنۇت قايلاپ تۇرسىلا؟
- نىمىشقا؟
ئۆيگە بېرىپ چوكا ئەكىلۋالاي...
***********************************************************
بىر قەشقەرلىك ساددا دېھقان كونا ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ماشىنىسىنى پەيجۇمۇ ئاسماي ھەيدەپ يولغا چىقىپتۇ، بىر يەرگە بارغاندا جوتۇڭ توساپتۇدە:
قېنى مانىڭ پەيجۇسى؟ ساراڭمۇيا سەن؟
- يا ساقتەك قىلىمەن!
-ساق بولساڭ مۇشۇنداق ماشىنىنىمۇ ھەيدەپ چىقتڭمۇ كوچىغا ؟ قېنى بۇنىڭ پەيجۇسى؟ تاقىماپسەنغۇ؟
-بوسا تاقايتىم
- قانداق نىمە ماۋۇ، ئۆڭمەي تۇرۇپ بوسا تاقايتىم دەيدىيا، رەسىمىڭنى چىقىرەۋا ئاداش؟
-ھېلىقى شوپۇر ئۇ يانچۇقىنى ئاقتۇرۇپ، بۇ يانچۇقىنى ئاقتۇرۇپ يېرىم تال شۆلىيەنۋاڭنى تېپىپ چىقىپتۇدە، تاسسىدە تۇتاشتۇرۇپ:
-بوسا بېرتىم
- ماڭ قايلا ، نىمىسى بار ماشىناڭنىڭ چىقىرە بىر كۆرەيماي گۇينى.
- قايلىسىلا جوتۇڭ، ماۋۇ ماشىنامنىڭ بۇ دۇنيادا مەندىن باشقا ھېچ نىمىسى يوق جۇما- دەپ قويۇپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىتىپ قاپتۇ.
***********************************************************
بىر قەشقەرلىك شوپۇر ئالتە كىشلىك ماشىنىغا 16 ئادەم سېلىپ مېڭىپتۇدە، بۇنى جوتۇڭ كۆرەپ قېلىپ ماشىنىنى توسۇپتۇ:
- ھەي ئىشىكنى ئاچقىنا؟
شوپۇر ئىشىكنى ئاچسا 16 ئادەم ئولتۇرغۇدەك.
- گۇتۇزا ، پوق باش ، 6 ئادەم ئولتۇردىغان ماشىنىغا 16 ئادەم سېلىۋاپسەنغۇ؟
- 17 سى پاتمىغاندىكىن 16 تىنى سالىمەندە.
- 16 ئادەم قىستالمامسىلە بۇ ماشىندا؟ دېسە
- شوپۇر كەينىگە قاراپ
- قىستالدىڭلارمۇ؟ دەپ سورىغۇدەك، كەينىدىكىلەر:
- ياق ، قىستالمىدۇق.
- قانداق جوتۇڭ سىز، بۇلار ئىچىدە تۇرۇپ قىستالمىسا، سىز تالادا تۇرۇپ نىمىگە قىستىلىپ كەتتىڭىز، دىگۈدەك.
بىر ئاغىنىمىز بار شۇنداق قىزىقچى. بىر كۈنى بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ مۇشۇ لەتىپە چاقچاق توغرىلىق گەپ بولدى. بىز ھەممىمىز غۇلجىدىكى بىر نەچچە قىزىقچىللىرىمىزنىڭ گىپىنى قىلساق، بۇ ئاغىنىمىز قوپۇپ :-''خاتالاشتىڭلار ،ئەمىلىيەتتە گەپنىڭ قىزىقىنى قەشقەرلىق قىلىدۇ،غۇلجىلىقنىڭ گىپىگە شۇ ۋاقىتتا كۈلسەڭ ، قەشقەلىقنىڭ گىپىگە ئويلىنىپ كۈلىسەن، ھەتتا بەزىدە دىگەن گىپىنى ئەتىسى ئويلىساڭ ئىچىڭگە ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئون مو يەرگە ئۇغۇت بولغىدەك سېسىق گەپ قىلىدۇ. مەن سىلەرگە بىر ئىككى پاراڭ قىلىپ بىرەي''- دەپ ،قەشقەر شىۋىسىدە ئاۋاز بېرىپ گەپنى باشلىدى....
*تۆت بۇرادەر قەشقەردە بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ. تاماقنى يەپ بولۇپ، پۇل تۆلەشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاشخانىدىن سىرتقا مېڭىشىغا ،تاڭجاڭ قوپاپ ئەڭ ئاخىرىدا قالغان بىرىگە:- ھاجېېېېېېم، ماۋۇ ئاشقان پۇلنى چىمگە قايتۇرىمەن"-دەپتىكەن، شۇئان ئۇلارنىڭ ئىسىگە تاماقنىڭ پۇلىنى تېخى تۆلىمىگەنلىگى كەپتۇ.
************************************************************************************
بىرسى ماشىنىنى ھەيدەپ قىزىل چىراققا كەلگەندە توختاپ ، ئۆزىچە ماي تېجەي جۇمۇ دەپ ماتورنى ئۆچۈرىۋېتىپتۇ. يېشىل چىراق يېنىشىغا ئوت ئالدۇرسا ، قېرىشقاندەك ماشىنا ئوت ئالماپتۇ. قىزىل ،سېرىق ،يېشىل چىراقلار ئالمىشىۋېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قەشقەلىق قاتناش ساقچىسى ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ :''ھاجېېېېېم، قايدا چىراق بولسا ماڭىتىلە''-دېگىدەك.
**********************************************************************
ئىككى قەشقەرلىق ئۈرۈمچىدە ''جام'' دىگەن ئاشخانىغا كىرىپ ، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئازىراق بۇرۇتۇپ، تاماقنى يەپ بولۇپ، قانچە پۇل بولدى دىسە، پوكەيدىكى پۇل يىققۇچى 220 كوي دىيىشىگە ، يانچۇقنى كولىغان بىرسى كەينىگە بىر قارىۋىتىپ ،'' بىز يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ يا ، ئاشخانىدىكى ھەممە ئادەم يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ''-دىگىدەك.
***********************************************************************************
بىرئاداش تاماقنى يەپ بولۇپ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى توختۇتۇپ قويغان بىرسىنىڭ ۋەلسپىتىگە ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكىنى ئەمدى تۇتاشتۇرىشىغا ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى كىلىپ:'' ئولتۇراپ بوللىما~~، يەنە پىشكى ئوتۇرىۋالاملىيا''-دەپتىكەن ، ھېلىقى ئاداش ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ، ''باشقىغۇ ئىش يوقتى، ئۇبۇرنا نەدىدۇ دەپ ئويلاپ، ئولتۇراپ قاپتىمەن''-دەپتىكەن ، ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى :"ماڭ قايلىسا، ئېۋۇ چىكەدىن ئۈتۈپ باغۇ، ئوڭغا قىيسىلا تۈز يول بار، شۇ يولنى بويلاپ، مېڭىۋەسىلە بۇنىلىرىغا پۇرايدا~، شۇ يەر شۇ ''- دىگىدەك.
**********************************************************************************
قەشقەردىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ماشىنىلار قاتار قاتار قويۇلغان ئىكەن .
بىر پاسات ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئىگىسى ماشىنىنى قوزغىتاي دېسە ئالدىدا سەل كونىراق سېرىق رەڭلىك ئاددى ماشىنا باركەن .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنا دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ توۋلاپتۇ :
-ھېيي ، ما سېرىق چۇخەي چىمنىڭ؟
*******************************************************************************
باشقا شەھەرلىك بىرسى قەشقەرنىڭ گىلەم بازىرىنى ئارىلاپ قاپتۇ. ئۇ بىر گىلەمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ زاۋۇت گىلىمى ياكى قولدا توقۇلغان گىلەم ئىكەنلىگىنى سورىماقچى بولۇپ دەپتۇ:
- بۇ تۇقىغان گىلەممۇ يا ...
- ياق، قۇيغان گىلەم. دىگىدەك تۇمشۇقىنى ئۆرۈپ.
ئۇ ئادەم يەنە دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ گىلەمنىڭ باھاسىنى سوراپتۇ.
-600 كوي.
- 300 كويغا كىلەما؟ - دىسە. گىلەمچى خېرىدارنىڭ قولىدىن يىتىلەپ يولنى كۆرسىتىپ دىگۈدەك:
ئى يولدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ شۇندا ئۆتسىلە كىگىز بازىرى بار.
*********************************************************************************
قەشقەردە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا كونا بىر شىيالى ماششىنا توختىلغان ئىكەن. تاڭجاڭ بۇنى كۆرۈپ يۈگرۈپ چىقىپ ماششىنىغا بىرنى تىپىۋىتىپ :
- ما ئەسكى داس چىمنىڭ؟- دەپ ۋاقىراپتۇ. ماشىنىدىن ساقاللىقى تەمبەل بىرسى چۈشۈپتىكەن.
تاڭجاڭ دەرھاللا دىگۈدەك:
- ئوتقاشتەك سانتانا ئۆزلىرىنىڭمىتتى.
**********************************************************************************
"بازارغا چاپان ئالغىلى چىقىپ بىر چاپاننى ناھايىتى تەستە سودىلىشىپ ئالدىم. ئۆزەم دىگەن باھادىن بىر سىنىتمۇ ئۆرلىمىدىم. سودىگەرمۇ ئاخىرى شۇ باھاغا بەردى. چاپاننى سېتىپ بولۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىمدا دىمەسمۇ:
- ئۇكام، سىلى خەتنىلىرىنىمۇ ئۆزلىرى قىلغانما؟- ئۇ چاغدا نىمە دىيىشىمنى ئۇقماپتىمەن. ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغاندا بۇ گەپ ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى. شۇ گەپنىڭ دەردىدە كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم."
*******************************************************************************
بىر كۈنى بىرەيلەن تاماق يېگىلى بىر ئاشپۇزۇلغا كېرىپ خېلى ساقلىسىمۇ چاي بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توۋلاپتۇ: " ئۇستووووم! ما ئاشخانىلىرىدا ئېغىز نەمدىگىدەك سۇ تېپىلارما؟؟؟"
************************************************************************************
ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ چىققان بىرى پۇل تۆلەۋېتىپ، "بۈگەن سەيماچاڭ(بەيگە مەيدانى)غا چىقامماپسىلە- ھە!؟" دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭقىرىپ بولالماي ھاڭۋېقىپ قالغان خوجايىننىڭ يېنىدىكى بىرسى "تەرجىمە" قىلىپ دەپتۇ: "ھەي، ھەي، ئاۋۇلار قەشقەرلىقكەن، قورۇماڭدا گۆش دىدارى يوق، دېگەن گەپ ئاۋۇ"، شۇندىلا خوجايىننىڭ كاللىسى "تىرىڭ" قىلىپ يىشۇنىڭكىدەك يورۇپ كېتىپتۇ.
*******************************************************************************
ئەتىگەندە شەھەرنىڭ سەي-كۆكتاتلارنى توپ تارقىتىدىغان بىر بازىرى بولىدىغان، بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت ئويدىكى نەزرە-چىراققا ئىشلىتىدىغان سەي-كۆكتات ئالغىلى بازارغا بىرىپ، بىر ئوتتۇرا ياش ئايالنىڭ كۆكتات يايمىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سوراپتۇ:
-شوخلا قانچە پۇل؟
- xx كوي.
- لازا قانچە پۇل؟
- xx كوي...
- بەسەيچۇ؟
- xx كوي xx مو.
يىگىت كۆڭلىدە باشقا يەرلەردىنمۇ سوراپ بىقىپ، ئاندىن ئالمايمەنمۇ.. دەپ ئويلاپ، شۇنداق مىڭىشىغا ھىلىقى كۆكتاتچى ئايال سورىغۇدەك:
- ئۇكام، ئاچىلىرى ئەتىگەندە بازارغا چىقىپ سەينىڭ باھاسىنى سوراپ كىرگىن دىگەنمىتى؟
***********************************************************************
تىببى ئۇنىۋېرسىتىتتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا قەشقەرلىق ئاغىنەم بىلەن ئىككىمىز بىر ئىش بىلەن قوشنا ياتاقنىڭ ئىشىكىنى چەكتۇق،ئاغىنەم "ئاداش ئىشىكنى ئىچىڭلار 'دىسە ياتاقتىكى بالا قەستەنگە چاقچاق قىلىپ "ياتاقتا ئادەم يوق "دىگەنتى .ئاغىنەم تۇرۇپ كىتىپ ئەمىسە ئىشەك بولسىمۇ بولىدۇ دىمەمدا...نەتىجىدە ئىشىك ئىچىلدى...
*********************************************************************************
ئۆتكەن يىل 8- ئايدا ئىدارىدكىلەرنى قەشقەرگە ساياھەتكە ئېلىپ بارغاندىكى قىزىق ئىش ئىسىمگە كەپقالدى : ھېيتگاھ بازىرى ئەتراپىدىن ياتاق ئېلىپ ئورۇنلاشقاندىن ئەتىسى كەچتە بىر ياتاققا بىللەن ئورۇنلاشقان خىزمەتدىشىم ئىككىمىز ھېتگاھ ئەتراپىنىڭ كەچلىك مەنزىرسىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن پەسكە چۈشتۇق ، بىزنى ئېلىپ كەلگەن ماشىنىنىڭ شوپۇرىمۇ بىنانىڭ ئالدىدا باركەن ئۈچىمىز بىرگە چۆگىلەپ خام بازىرى دىگەن يەرگە كەپقاپتۇق ، قاتىرىسىغا تىزىپ قويۇلغان يەرلىك شاپتۇلنى كۆرۈپلا ئۈچىمىز تەڭلا بىرىنچى باققالنىڭ ئالدىغان كىلىشىمىزگە :
- كەسە خېرىدار كەسە ، بەشىكېرەمنىڭ شاپتۇلى ، بارمۇ دېسەڭ يوق دەيمەن ....... يارىمىسا باكالىق .............
-كىلوسى نەچچە پۇل ؟
- 6 كوي غوجام ، تېتىپ كۆرسىلە ، يارىمىسا باكالىق
شوپۇر ئاكىمىز ئىككىلەنمەيلا بىر تال شاپتۇلنى يەپ بېقىپلا گەپ سۆز قىلماي شۇنىڭ يېنىدىكى ئىككىنچى تەنزىگە كېلىپ شاپتۇلغا قاراپ بولغۇچە بىرىنچى تەنزىدىكى باققال قوپۇپ : - ھاجېېېېېم ، مۇشۇنداق تېتىپ ئىشۇ باشقا چىقسىلا ئۆزلىرىنىڭلا ئەمەس ما ئىككى شىشىدەك خېنىملارنىڭمۇ قوسىقىنى تويدۇرۇپ كىتەلەيدىلا ........
- نىمانداق سېسىق گەپ قىلىلا .... ؟ ھېلى ئۆزلىرى يارىمىسا باكالىق دەپ توۋلاپ كىتىپبارمامتىلە ......؟ يارىغاننى ئالىدىغان گەپتە ............
- غوجوووووووووم يارىغان بولسا ئىۋۇنىمۇ يەمتىلە ......؟ ( سېۋەتتە خېرىدارلار يەپ دۆۋلەپ قويغان شاپتۇل شۆپۈكى ۋە ئۈچكىسى تۇراتتى )
نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولۇپ شاپتۇلنىمۇ ئالماي ئۇدۇل كىتىپ قالدۇق ، شۇ ئىزا تارتقانچە مېڭىپ چوڭ يولدىن ئۆتۈپ بىر خالتا كوچىغا كىرىپ قاپتۇق بۇ يولنىڭ ئايىقى چىقامدىغان دەمسىلە ئىچكىرلەپ مېڭىۋەردۇق ، ئارقىمىزغا يېنىپمۇ باقتۇق، لېكىن كەلگەن يولنى تاپالماي ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەتتى بولماي شوپۇر ئاكىمىزنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن مەن بىر ئادەمدىن يول سورىدىم : - تىچلىقمۇ ئاكا ...؟ بۇ يولنىڭ ئاخىرى نەگە ئاپىرىدۇ ...؟
- قوقماي مېڭىۋېرىشسىلە ، ئىشقىلىپ ئۇ دۇنياغا ئاپامايدا ..........
-ھېتگاھ بازىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۆزىمىزمۇ بىلمەي بۇ يەرگە كەپقالدۇق ، چوڭ يولغا چىقالماي يۈرىمىز ............
- يېڭى كىلىشكەن ئوخشىماملا بۇ يەگە ....؟ ئۆزلىرىمۇ شۇ بويلىرى بىلەن ئېزىپ كىتىدىغان ھاللىرىغا قىزباللىنى پىقىرتىمەن دېمەي ئۇخلاپ قاسىلا بوممامدۇ جانلىرىغا جاپا سامماي ................. ( بايىقى زەربىدىن ئېسىگە كىلەمەيۋاتقان شوپۇر ئاكىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئۇجۇقۇپ تىلى گەپكىمۇ كەلمىدى .. )
- ھوي ، ئابدۇسەمىتاخۇن ، كونكاڭنى ئېچىقىپ مالىنى يەتكۈزۈپ قويە مەنزىلىگە ... بالدۇر كە جۇمۇ بالام ......... ؟
مىڭ رەھمەتلەر بىلەن يامان تەسلىكتە ياتاققا كەۋالدۇق .
***********************************************************************************
بىزنىڭ ناھىيىدە دەم ئېلىشقا چىققان ياكى ئۆيىدە ئىشى يوق چوڭلار ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېسە يەپ بولمىسا چاي پۈۋلىگەچ جاھاننىڭ گىپىنى قىلىپ ياكى بولمىسا لۇشاڭ ( سىنئالغۇ ) كۆرۈپ ئولتۇرىدىغان بىر ئادەتمۇ بار چۇ - ! ( بۇ يەردە مەخسۇس چايخانا ئاز ياكى يوق دىيەرلىك بولغاچقا ) ، مۇشۇنداق چايخۇماردىن ئىككى ئادەم قەشقەرگە بېرىپ بىر تاماقخانىغا كىرىپ شۇنداق ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قاپتۇ ، كۈتكۈچى قىزمۇ سەۋرىچانلىق بىلەن بىر قانچە قېتىم چاي ئالماشتۇرۇپ بىرىپتۇ بولمىسا ، بىر چاغدا قارىسا كۆرىۋاتقان فىلىممۇ تۈگەپتىكەن بىر ئادەم يەنە بىرىگە : - ئەمدى چىقىلىمۇ ئامۇتاخۇن ، يەنە تېخى بىر مۇنچە يەر بار بارىدىغان ......
- شۇنداق قىلىلى .......... دەپ ئەمدى ئورنىدىن قوزغىلىپ مېڭىشىغا ، سەۋرى قاچىسى توشقان ئاشخانا خوجايىنى :
- ئوتتۇراشماملا غوجۇللۇرۇۇۇۇۇۇۇۇم .... دەنشى تۈگىسە چېكىت چىقىدا ....! ؛
***************************************************************************
بىژ كۇنى ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرساق ، بىرسى يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى بەرمەي ماڭدى ،
ئاشپەز : قارىم تاماقنىڭ پۇلنى ، دىدى .
ھىلىقى كىشى : سەيدىن چىۋىن چىقتى ،
ئاشپەز دەرھاللا: سىلە يەپ بولغان 4 مومىدىن چىۋىن چىقمىغاندۇ؟
بىر كۈنى كەچلىك بازاردىن مايدا پۇشۇرۇلغان بېلىق ئېلىپ يەي دەپ بىر بېلىق سېتىۋاتقان ئايالنىڭ يېنىغا كېلىپ خېنىم
بېلىق قانچە پۇل دېسەم دانىسى 4 كوي...دېدى،،مەن چاخچاخ قىلىپ 3نى 10 كويغا بېرەملا دېسەم ....ئۇ ئايال ..ھۇيت،،،،،،،،،،،،،غوجام دەرەخنىڭ كەينىدە ئېرىق بار ..شۇ يەردىن تۇتۇپ يېسىلە...جىق ئۇيەردە...!!!!!
-------------------------------------------------------------------------
بۇگۈنكى تاماق
تۆت بۇرادەر بىر تېز تاماقخانىغا تاماق يىگىلى كىرىپ تاماقنى ساقلاپ شۇنچە ئۇزۇن ئولتۇرسىمۇ تاماق چىقماپتۇ.
ئۇلار ساقلارۋىرىشكە تاقىتى قالمىغانداندا ئۇلاردىن بىرسى مۇلارزىمنى چاقىرىپ:
-ماڭا قايسا خان! ما تاماق تىزىملىكىگە بى قايلاپ باقسا بۇگەنكى چىسلانىڭ تامىقىمىكەن يا؟؟!!!
ئايروپىلان پىراۋىسى
نۇرمال سۈرئەتتىن بەك ئېشىپ كەتكەن ماشىنى توسقان توسقان قاتناش ساقچىسى شوپۇرغا دەپتۇ؟؟:
-پىراۋەڭنى چىقىرە!
قورقۇپ كەتكەن شوپۇر پىراۋىسىنى چىقىپتۇ.
بۇنى دېمىدىم ئايروپىلاننىڭكىنى دەۋاتىمەن.!!!!
-بۇنېمە دىگىنىڭىز؟
-بايام ئۇچىۋاتمامتىڭ ؟؟
قانداق چىراغ لازىمتى
بىرشوپۇر كورلا تەۋەلىكىدىكى ماشىنىسىنى ھەيدەپ قەشقەرگەكىرىپ قىزىل چىراغدا توختىغاندا تۇيۇقسىز ماشىنىسى ئۆچۈپ قاپتۇ ،
يېشىل چىراغ يانغاندىمۇ ئوت ئالماپتۇ.
قاتناش ساقچىسى يۈگرەپ كىلىپ شوپۇرغا زەرد بىلەن :
-غوجووووووووووم ،سىلىگە قانداق چىراغ ياندۇرۇپ بەرسىلە ماڭىتىلە: دەپتۇ
ئەزان ياتاق
بىربالايىراق سەپەردىن قەشقەرگە كېلىپ بىر ياتاققا ئورۇنلىشىپ ئارام ئاپتۇ..ئەتىسى ئۇخۇجايىندىن تالۇننى كۈرۈپ چۆچۈپ كېتىپتۇ.
ئۇستام ياتاق باھاسى نىمانداق قىممەت .ئەزانراق بەرسىلە؟
خوجايىن ؛ ماڭ قايسا ئۇككوووووم . ئەزان دىگەن مەچىتتە بار ؟ كۆزلىرىنى يوغان ئاچسىا! ماۋۇ دىگەن مىمانخانا جىما!!!!
ئەتىسى ئۇبالا بەك ئەرزان ياتاققا ئورۇنلىشىپتۇ . ۋە كېچىچە ياتالماپتۇ.ئەتىسى خوجايىندىن : -
خوجايىن بۇنېمە گەپ .كېچىچە بىر توپ چاشقانلار ۋىچىرلىشىپ چىقتى.!!دەپتۇ.خوجايىن:
-خاپوممىسىا غۇجام ماندا ئەزان ياتاقتا چاشقان ۋىچىرلاشماي كالا مۆرەشسە بولامتى.
ئاشقان پۇل
بەش دوسىت بىرئاشخانىدا تاماق يەپ قەستەن پۇل تۆلىمەي چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ قاتارلىشىپ ئىشىكتىن چىقىپتۇ.
بۇنى سەزگەن خوجايىن:
-ماڭ قايسا غوجىلىرىم!!! ما ئاشقان پۇلنى قايسىلىرى ئېلىشىلا ! دەپتۇ .
نۇمۇستىن ئۆلەي دەپ قالغان بىرسى دەرھال چىقىپ پۇلنى تۆلەپتۇ