باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
قىسقا يۇمۇرلار
يوللىغان ۋاقىت:2013-04-22 16:07:03  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

 

ئۆي سالماق ئاسان

ئا: تۇنجى قىتىم سەھنىگە چىققنىمدا تاماشىبىنلار سوۋغا قىلغان گۈللەر بىر گۈل دۇكىنى ئىچىشىمغا يەتكۈدەك بولغان.
ب:مەن سەھنىگە تۇنجى قىتىم چىققاندا بىر ئۆيلۈك بولۇپ قالغىلى تاسلا قالغان،
ئا: پو ئاتمىغانسەن؟
ب: راست دەۋاتىمەن، تاماشىبىنلار بىر پارچىدىن قىش ئاتقان...

 


ئاخماق مۇئەللىم


پىروفسور: ئەخمەقنىڭ سورىغان سۇئالىغا ئەقىللىق ئادەمنىڭ جاۋاپ بەرمىگى تەس.
ئوقۇغۇچى: شۇڭا ھەر قىتىملىق ئىمتىھانىڭىزدىن ئۆتەلمەپتىكەنمەندە ...

 


ھوشىدىن كەتتى....


ئاپىسى: تىز بول، دورا ئەكەل، داداڭ ھۇشىدىن كەتتى،
ئوغلى: دادامغا نىمە بولدى؟
ئاپىىسى: يازغان ماقالەڭدە پەش، چىكىت بولمىغاچقا، ئوقۇۋىتىپ تىنىقى يىتىشمەي قىلىپ ھۇشىدىن كەتتى.

 


ئېنگىلىزچە بىلىمەن...


گىرمانىيىلىك بىر بۇلاڭچى سوتلىنىپتۇ. سوتچى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ؟
-ئىنگىلىزچە سۆزلىيەلەمسەن؟
-بىرلا ئىغىز سۆزنى بىلىمەن.
-قىنى دەپ باقە؟
-پۇلۇڭنىڭ ھەممىسىنى چىقار...

 


پويىز كېلىپ قالىدۇ


ۋېل كىنوخانىدا كىنو كۆرۈۋاتاتتى. ئېكراندا بىر ساھىبجامال قىز پەيدا بولدى. دەريا بويىدىكى بۇ قىز يېشىنىپ سۇغا چۈشۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئۈستىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كىيىمنى سېلىۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پويىز ئۇنى توسۇۋالدى.
پويىز ئۆتۈپ بولغاندا، قىزمۇ سۇغا چۈشۈپ بولغانىدى. بۇ چاغدا، ۋېل يېنىدا ئولتۇرغان كىشىنىڭ غۇدۇرىغىنىنى ئاڭلاپ قالدى:
_ ئاناڭنى!
_ نېمە بولدى، ئەپەندى؟ _ دەپ سورىدى ۋېل.
_ نېمە بولاتتى؟ _ دەپ جاۋاب بەردى ھېلىقى كىشى ئاچچىقلانغان ھادا، _ بۇ كىنونى بەشىنچى قېتىم كۆرۈشۈم، ھەر قېتىم مۇشۇ يېرىگە كەلگەندە پويىز كېلىپ قالىدۇ.

 

ئاياللار بولمىغان بولسا

بىر ئايال ئېرىنىڭ ئىشتىنىنىڭ تۈگمىسىنى قاداۋېتىپ كوتۇلداپتۇ:
_ ئەگەر دۇنيادا ئاياللار بولمىغان بولسا، سىلەر ئەرلەر قانداق ياشىغان بولاتتىڭلار!
_ بۇنىڭدىن غەم يېگۈدەك نەرى بار؟ ئەگەر ئاياللار بولمىغان بولسا، بىز ئەرلەر ئىشتان كىيىمەن، دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيتتۇق.

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ