باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
يۇمۇر
يوللىغان ۋاقىت:2012-12-24 11:00:16  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
بىر قىز ئىشتىن چۈشكىچە كەچ بولۇپ كېتىپتۇ.قاراڭغۇدا قورقۇپ مېڭىۋاتسا،كەينىگە بىرسى ئەگىشىۋاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قىز نەق زاراتگاھلىق تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ،ھېلىقى كىشىمۇ  كەينىدىن تەڭ يۈگۈرەپتۇ.قىز بىر قەبرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ-دە:

-دادا قەبرە ئىشكىنى ئاچە،ئاچقۇچ ئىلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن-دېيىشىگە،ھېلىقى كەينىدىكى ئەگىشىپ كېلىۋاتقان كىشى بەدەر قىچىپ كېتىپتۇ.قىز ئۇھ دەپ تۇرشىغا.قەبرىدىن:

-يەنە ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قاپسەن-دە.كىرە ئۆيگە-دېگەن ئاۋاز كەپتۇ.قىز ئالدى-كەينىگە قارىماي قىچىپتۇ.

ئەسلىدە قەبرىگە مۆكۈۋالغىنى جەسەت ئوغىرىسى ئىكەن.ئۇ قولىغا گۈرجىكىنى ئىلىپ قەبرىنى قازاي دەپ تۇرىشىغا،ياندىكى قەبرىدىن :

-كىچىك قىز بالىنى قورقۇتقۇچە تېزراق ئىشىڭنى قىلە گۇي.ما قەبرىدە ياتقىلى 80يىل بولاي دېدى،سېنى ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى.-دېگەن ئاۋاز كەپتۇ.قەبرە قازغۇچى قورققۇنىدىن ھوشىدىن كېتىپتۇ.قەبرىدىن بىرى كىيىملىرىدىكى توپا-چاڭلارنى قىقىشتۇرغىنچە چىقىپ:

-مەندىن ئىش تالاشقانغا توي –دەپ ،ئالدىدىكى قەبرىنى كولاي دەۋاتسا،يىراقتىن دوڭ،دوڭ،دوڭ….قىلغان ئاۋاز كەپتۇ،قورققۇنىچە بېرىپ قارىسا بىر قېرى بوۋاي قەبرە تىشىدىكى خەتلەرنى قايتىدىن يازغىلى تۇرۇپتۇ.ھېلىقى جەسەت ئوغىرىسى لاغىلداپ تىتىرەپ تۇرۇپ:

-بوۋا،نېمە ئىش قىلىۋاتىلا؟-دەپ سوراپتۇ.بوۋاي ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي:

-ماۋۇ بەغىرەزلەرنى يىمەي-ئىچمەي باقساممۇ،قەبرە تاشقا ئىسمىمنى خاتا يېزىپ قويۇپتۇ.شۇنچە يىل ساقلىسام بىرسى كېلىپ تۈزتىپ قويمىدى.بۈگۈن ئاچچىقىمدا ئۆزۈم تۇزتىۋىتەي دەپ قەبرىدىن چىقىشىم-دەپتۇ.

ھېلىقى جەسەت ئوغىرىسى تىكلا چۈشۈپتۇ.

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ