باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
بەدىنىڭىزنىڭ قايسى ئەزاسى
يوللىغان ۋاقىت:2012-12-17 12:11:54  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

بىر كۈنى، بىر ئەر بېرىلىپ كىتاپ كۆرۈپتۇ، ئايالى تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا، ئېكراندا بىر جۈپ ئاشىق-مەشىق پەيدا بوپتۇ، يىگىت قىزغا: «سۆيۈملۈكۈم، مەن ئەزەلدىن سىزنى ئۆز بەدىنىمنىڭ بىر ئەزاسى، دەپ قاراپ كەلدىم» دەپتۇ.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلەنگەن ئايال ئېرىگە:
ـ ھەي، سىز مېنى قاچان ئۆز بەدىنىڭىزنىڭ بىر ئەزاسى، دەپ قاراپ باققان؟ - دەپتۇ.
ئەر ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا دەخلى قىلغانلىقىغا خاپا بولغان بولسىمۇ، ئۈندىمەي يەنە كىتابىغا قاراپ ئولتۇرىۋېرىپتۇ.
ـ ھەي، مەن سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن! سىز مېنى بەدىنىڭىزنىڭ قايسى ئەزاسى، دەپ بىلىسىز؟
ئەر ئەمدى تاقەت قىلالماپتۇ:
ـ سوقۇر ئۈچىيىم!

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ