1.دەرس ۋاقتى
ئۇقۇتغۇچى:11ۋۇلىت 30ۋۇلىت 220ۋۇلىت 1000ۋۇلىت ۋە 3500ۋۇلىتلىق تۇك سىمىنىڭ قايسىنى تۇتقىلى بۇلۇدۇ،قايسىنى يۇتقىلى بۇلمايدۇ؟
ئۇقۇغۇچى:ھەممىسىنى تۇتقىلى بۇلىدۇ.بىراق بەزىلىرىنى پەقەت بىر قىتىملا تۇتقىلى بۇلىدۇ.
2.زۇكام بۇلۇپ قىلىپ..........
تۇرمىدە ئىككى جىنايەتچى پاراڭلىشىپتۇ.
_سەن نىمەئۆچۇن تۈرمىگە كىرىپ قالدىڭ؟
_زۇكام بۇلۇپ قىلىپ.
_بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟
_مۇنداق گەپ،مەن ئۇغۇرلىق قىلىۋىتىپ چۈشكۈرۇپ كىتىۋىدىم ئامانلىق ساقلۇغىچى ئۇيغۇنۇپ كەتتى.
3.ماختاش
بىر ئايال ئەينەكنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئېرىگە مۇنداق دەپتۇ: _ۋاي خۇدايىمەي،كۇڭلۇم بەك يېرىم بۇلۇۋاتىدۇ،قارىمامسەن ھەم سەمىرىپ ھەم سەتلىشىپ كىتىپتىمەن،مىنى ماختاپ خۇشال قىلىۋەتكىنە!
_كۆرۇش قۇۋۋىتىڭ ياخشى جۇمۇسىنىڭ!_دەپ ماختاپتۇ ئېرى.
4.ئىشتىن ھەيدىلىش
دىرىكتۇر:سەن ئىشتىن بۇشىتۇلدۇڭ! بىر ھەپتىلىك ئىش ھەققىڭنى ئىلىپ شىركەتتىن يۇقال.
خىزمەتچى:مەن ھىچ ئىش قىلمىغان تۇرسام نىمە سەۋەپتىن ئىشتىن بۇشىتىسىز؟
دىرىكتۇر:ئاشۇ ھىچ ئىش قىلمىغىنىڭنىڭ ئۆزى سەۋەپ بۇلمامدۇ. -+
5.ئۇيقۇ دورىسى
بىرەيلەن دائىم كېچىدە ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قېلىپ، دوختۇرخانىدىن ئۇيقۇ دورىسى ئەكەپتۇ. ئۇ يەكشەنبە ئۇخلاشتىن بۇرۇن دورىنى ئىچىپ، ناھايىتى راھەتلىنىپ ئۇخلاپتۇ ھەمدە سائەت جىرىڭلىماستىنلا ئويغىنىپ ئىشقا كەپتۇ-دە، دىرېكتورىغا:
ـــ قانداق، بۈگۈن كېچىكىپ قالمىغاندىمەن؟- دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان دىرېكتور غەزەپ بىلەن:
ـــ شۇنداق، بۈگۈن ناھايىتى بۇرۇن كەپسىز، بىراق دۈشەنبە، سەيشەنبە قەيەرگە كەتتىڭىز؟- دەپتۇ.