باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە نىمە؟
يوللىغان ۋاقىت:2012-11-19 12:25:41  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
 

جېك، جون، جېم، جورجىدىن ئىبارەت تۆت يىگىت بىر داڭلىق شىركەتكە ئىنتىھان بەرگىلى بېرىپتۇ. شىركەتنىڭ باش دىرىكتورى باھالاشقا قاتنىشىپتۇ.
   - كەچلىك تاماقتىن كېيىن ياخشى ئارام ئېلىڭلار ، ئەتە ھەممىڭلاردىن بىر سوئال سورايمەن ، قايسىڭلارنىڭ جاۋابىغا قايىل بولسام بۇ ئورۇنغا شۇ تاللىنىدۇ.. دەپتۇ باش دىرېكتور ئىمتىھاندىن كېيىن.
    ئەتىسى ئەتىگەندە جېك تۇنجى بولۇپ باش دىرېكتورنىڭ ئالدىغا كىرىپ سوئاللارغا جاۋاپ بەرمەكچى بولۇپتۇ.
    - دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە نىمە؟-دەپ سوراپتۇ، دىرېكتور.
   - دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە خىيال- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ جېك ئىككىلەنمەيلا
   - بۇ ئوبدان جاۋاپ بولدى -دەپتۇ باش دىرېكتور.
   ئىككىنچى بولۇپ جون كىرىپتۇ.
   - دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە نىمە؟-دەپ سوراپتۇ، دىرېكتور.
  - كۆز يۇمۇپ ئېچىش دەپتۇ - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ جون ئويلانمايلا-چۈنكى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە دىگەن سۆزدىنمۇ تېزلىكنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بولمايدۇ.
  - دىگىنىڭ خاتا ئەمەس دەپتۇ دىرىكتور.
   ئۈچىنچى بولۇپ جىم كىرىپتۇ،
    - دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە نىمە؟-دەپ سوئالىنى تەكرارلاپتۇ، دىرېكتور.
   - توك- دەپتۇ جېم، مەن مەۋھۇم جاۋاپلارنى ياقتۇرمايمەن، توك ئەمەلى سۈرئەتكە ئىگە نەرسە، سىز ئۈزچاتنى بېسىشىڭىز بىلەنلا يىراق جايلاردىكى چىراقمۇ دەرھاللا يانىدۇ.
  - قالتىس ئەمە لى جاۋاپ بولدى- دەپ خوشال بوپتۇ دىرېكتور.
   ئەڭ ئاخىرىدا جورجى جاۋاپ بەرگىلى كىرىپتۇ.
   - دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە نىمە؟-دەپ سوئالىنى تەكرارلاپتۇ، دىرېكتور.
   - ئىچ سۈرۈش- دەپتۇ جورجى بشىنى تاتلاپ، چۈنكى مەن ئاخشام تاماق يەپ بولۇپلا كارۋاتقا چىققان، تۇيۇقسىز قورسىقىمنىڭ بىئارام بولغىنىنى ھىس قىلدىم ئەمما ، مەن خىيال قىلىشقىمۇ، كۆزۈمنى چىمچىقلىتىشقىمۇ، ئۈزچاتنى بېسىپ چىراقنى ياندۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا ئۇ كېلىپ بولدى...

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ