دەپنىخانىغا ئۈچ جەسەتنى ئېلىپ كەپتۇ،دەپنە خادىمى قارىسا ئۈچىلىسىنىڭ چىرايىدا كۈلكە قېتىپ قالغان پېتى ئۆلگەن ،ھەيران بولۇپ ساقچىدىن سوراپتۇ “ ئەپەندىم ،بۇلار قانداق ئۆلگەن ؟
– ماۋۇ ئاداشقا تۈنۈگۈن ئون مىليون دوللار مۇكاپات چىقىپتىكەن،خوشاللىغىدا تولا كۈلۈپ ئۆلۈپ قاپتۇ ،ماۋۇ ئاداشنىڭ ئايالى ئۇدا 8 قىز تۇغۇپ تۈنۈگۈن بىر ئوغۇل توغۇپتىكەن ،شۇنىڭ خوشاللىغىدا ئوغلىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ھىجايغان پېتى ئۆلۈپ قاپتۇ — دەپتۇ ساقچى .
– ئەمىسە ماۋۇ بەكرەك ھىجىيىپ قالغان ئاداشچۇ ؟ دەپ سوراپتۇ دەپنە خادىمى ئاخىرقى جەسەتنى كۆرسۈتۈپ .
– بۇ بىچارە تۈنۈگۈن بىر دەرەخكە يامىشىۋېتىپتىكەن ،دەل شۇ چاغدا چاقماق چېقىلسا بولىدۇ،بۇ ئاداش تېخى بىرسى ئۆزىنى رەسىمگە تارتىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ