باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
كېرەم لاپچى بىلەن ئاسىم لاپچى
يوللىغان ۋاقىت:2012-08-13 17:09:24  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

بىركۈنى كېرەم لاپچى بىلەن ئاسىم لاپچى كوچىدا ئۇچرىشىپ قاپتۇ.

-بىزنىڭ كەنجى ئوغلىمىز قەمىردىن شۇنداق باتۇر بالا بولدىكى، - دەپ گەپ باشلاپتۇ ئاسىم لاپچى، - تۈنۈگۈن ئۇن تارتىپ كەل دەپ تۈگمەنگە ئەۋەتكەنىدىم. تۈگمەنچى نۆۋەت كۈتۈسەن،ئەتە يا ئۆگۈن كەل، دەپ چىشىغا تېگىپتۇ. سەككىز ياشلىق بالا ئاچچىقىغا ھاي بىرەلمەي، ئىتتىك چۆگىلەۋاتقان تۈگمەننىڭ ئۈستىنكى تېشىنى بىر قۇلى بىلەن بېسىپ توختىتىۋاپتۇ. چوڭ بولغاندا قانداق كۈچتۈڭگۈر بۇلۇپ كېتەركىن تاڭ!

-باتۇر دەپ ئەمدىلا ئككىنچى سىنىپنى تۈگەتكەن بىزنىڭ ئوغلىمىز سادىقجاننى دېسە بۇلىدۇ،- دەپتۇ كېرەم لاپچى،- ئاپىسى ئۇنى ئۇن تارتىپ كەل دەپ ھەر كۈنى تۈگمەنگە ئەۋەتىدۇ. ھەر كۈنى يىراقتىكى تۈگمەنگە قاتناۋىرىپ زىرىكسە كېرەك، بالا ئاخشام يوقىلىپ كەتتى. نەگە كەتىكىن دېسەك، قاسىم ياۋاشنىڭ تۈگمىنىنى ئۆي-پۆي، نو-پو، تاش-پاشلىرى بىلەن قوشۇپ كۆتۈرۈپ، ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ ئورنىتىۋاپتۇ. ھازىر شۇ تۈگمەندە ئۇن تارتىۋاتىمىز.


تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ