باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
تۇنجى ئۇچرىشىش
يوللىغان ۋاقىت:2012-03-30 12:16:50  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
ىر يىگىت ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشقا چىقماقچى بولۇپ ، ئىنتايىن جىددىلىشىپتۇ.ئۇ ئۇچرىشىشقا چىققاندا نىمىلەرنى دىيىش لازىملىقىنى دادىسىدىن سوراپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا:
- يېمەكلىك ، ئائىلە پەلسەپىدىن ئىبارەت ئۈچ تىما توغرىسىدا سۆزلەشسەك مۇۋاپىق بولىدۇ، - دەپتۇ.
  يىگىت قىز بىلەن ئۇچرىشىپتۇ. ئۇلار بىر ماروژنىخانىغا كىرىپ ، بىر ئىستاكان ماروژنا ئاپتۇ.ئۇلار خېلىغىچە ئۈن تۈنسىز ئولتۇرۇپتۇ.يىگىت تېخىمۇ جىددىلىشىپتۇ، ئۇ تۇيۇقسىز دادىسىنىڭ دىگەنلىرىنى ئىسىگە ئېلىپ قىزدىن سوراپتۇ:
- سىز بەرەڭگە قاتلىمىسى يىيىشنى ياقتۇرامسىز؟
- ياق ، -دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ قىز. يەنە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپتۇ.بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن يىگىت ئىككىنجى سۇئالنى سوراپتۇ.
_ سىزنىڭ ئاكىڭىز بارمۇ؟
- يوق دەپتۇ قىز.يەنە جىمجىتلىق باشلىنىپتۇ.يىگىت ئۈمۈدىنى ئەڭ ئاخىرقى تىمىغا باغلاپ ، ئۈچۈنجى سۇئالنى سوراپتۇ:
- ئەگەر سىزنىڭ ئاكىڭىز بار دىسەك سىز ئۇنى بەرەڭگە قاتلىمىسى يىيىشنى ياقتۇرۇدۇ دەپ قارامسىز؟

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ