باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
جەمئىي قانچە دانە ئالما بار؟
يوللىغان ۋاقىت:2012-03-23 16:10:43  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

تۆت ئادەم ئورمانلىقتا كېتىۋېتىپ بىر دۆۋە ئالمىغا ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇلار يېقىن كېلىپ قارىغىنىدا  بۇ ئالما دۆۋىسىنىڭ ئۈستىگە بىر تال ئالما بىلەن باسۇرۇپ قويۇلغان ''بۇ ئالمىلار سىلەرنىڭ نېسىۋەڭلار! تەڭ بۆلۈشۈپ ئېلىپ كېتىڭلار!'' دېگەن مەزمۇندىكى خەتلەر يېزىلغان بىر باغاقچىنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقاپتۇ.  ئۇلار ئالدى بىلەن بۇ بىر دۆۋە ئالمىنىڭ ئۈستىنى ئوت-چۆپلەر بىلەن يېپىپ قويۇپ  ئەتە قايتقان چاغدا تەڭ بۆلۈشۈۋېلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن سەپىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپتۇ.

ئۇلار مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆزىگە تېگىشلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەش ئۈچۈن بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشىپتۇ.  بىرىنچى بولۇپ ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەن ئادەم دەرھال ھېلىقى ئالما دۆۋىسى بار يەرگە كېلىپ بۇ ئالمىلارنى دەلمۇ-دەل تۆت بۆلەككە بۆلگەندە بىر تال ئالما ئېشىپ قاپتۇ. ئۇ ئادەم ئېشىپ قالغان بۇ بىر تال ئالمىنى يەۋېتىپ ئۈچ بۆلەكنى قايتا بىرلەشتۈرۈپ ئۈستىنى ئەسلىدىكىدەك يېپىپ قويغاندىن كېيىن قالغان بىر بۆلىكىنى ئېلىپ كېتىپ قاپتۇ. ئىككىنچى بولۇپ ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەن ئادەممۇ دەرھال بۇ ئالما دۆۋىسى بار يەرگە يېتىپ كېلىپ ئالمىلارنى توپ-توغرا تۆت بۆلەككە بۆلگەندە يەنە بىر تال ئالما ئېشىپ قاپتۇ. ئېشىپ قالغان ئامىنى يەۋېتىپ ئۈچ بۆلەكنى قايتا بىرلەشتۈرۈپ ئۈستىنى ئەسلىدىكىدەك يېپىپ قويغاندىن كېيىن قالغان بىر بۆلىكىنى ئېلىپ كېتىپ قاپتۇ.  ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئادەملەرمۇ ۋەزىپىلىرىنى تۈگىتىپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇ ئالما بار يەرگە دەرھال يېتىپ كېلىپ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىم كەلگەن ئادەملەرگە ئوخشاش مەشغۇلات قىلىپ قايتىشىپ كېتىشىپتۇ.  بۇ تۆت ئادەم ئالمىلارنى بۆلۈش جەريانىدا بىر-بىرىنى كۆرمىگەچكە ئۇلارنىڭ ھەر-بىرى ئۆزىنى بىرىنچى قېتىم كەلدىم دەپ قاراپ تەڭ تەقسىماتقا ئەمەل قىلغانلىقتىن ھەممىسىنىڭ مەشغۇلاتتى ئوپمۇ-ئوخشاش بولغان ئىكەن.

ئۇنداقتا سىز ئەسلىدىكى بىر دۆۋە ئالمىدا جەمئىي قانچا دانە ئالما بار ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ باقالامسىز...؟ ۋە ياكى ھېساپلاپ چىقالامسىز...؟

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ