بىر ئايال ياتاق ئۆيىنى سىرلىتىش ئۈچۈن ، سىرچى ياللاپتۇ ، ھىلىقى سىرچى ئۆينى كەچ كىرگۈچە سىرلاپتۇ ، ئەمما سىرلاپ بولالماپتۇ. كەچتە يولدىشى قايتىپ كىلىپ ، چىراقىنى ياندۇرماقچى بولۇپ قۇرۇمىغان تامىنى تۇتۇۋېلىپ ، بەش قولىنىڭ ئىزى تامغا چىقىپ قاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە سىرچى يەنە ئىشلىگىلى كەپتۇ ، ھېلىقى ئايال سىرچىغا: ياتاق ئۆيگە كىرىڭە ، مەن سىزگە ئاخشام يولدىشىم تۇتقان يەرنى كۆرسىتىپ قوياي ، دەپتۇ. سىرچى ناھايتى ئوڭايسىزلانغان ھالدا : خانىم كەچۈرۈڭ ، مەن دىيانەتلىك ، پاك ئادەممەن ، ناشايەن ئىشلارنى قىلمايمەن دەپتۇ.
|