باش بەت
|
قىسقا يومۇرلار
|
لەتىپە كۆزنىكى
|
تېپىشماقلار
|
سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار
|
قىزىقارلىق رەسىملەر
|
كۈلىۋېلىڭ
بالا سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ
يوللىغان ۋاقىت:2012-02-21 12:39:51 يازغۇچى: كىلىش مەنبەسى:
www.basbas.cn
ئاۋاتلىقى:
104
[ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
بالىنىڭ تىلى چىقىشقا باشلىدى. ئانا بالىسىغا « دادا » دېگەن سۆزنى ئۆگىتىشكە بەكلا كۈچەپ كېتىۋاتاتتى . ئاتا بولغۇچى بۇنى كۆرۈپ بەكمۇ تەسىرلەندى . خوتۇنىنىڭ ئاۋۋال « ئاپا » دېگەن گەپنى ئەمەس ، « دادا » دېگەن گەپنى ئۆگەتكەنلىكىنى ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەنلىك دەپ چۈشەندى .
قەھرىتان سوغۇق بىر كېچە ، ئەر-خوتۇن ئىككىسى تازىمۇ تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى ، تۇيۇقسىز بالا يىغلاپ : « دادا » دەپ ۋاقىرىغىلى تۇردى . ئايال ئېرىنى نوقۇپ ئويغاتتى :
- بالا سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ ، بېرىپ قاراپ بېقىڭە .
تور بېكەت ھەققىدە
|
شىركەت ھەققىدە
|
خېرىدارلىرىمىز
|
ھەمكارلىشىڭ
|
ئېلان بىرىڭ
|
مۇلازىمەتلىرىمىز
|
ئالاقىلىشىڭ
|
پىكىر بىرىڭ