باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
كاللىسى قاتتىق ئىشلەيدىغان بالا
يوللىغان ۋاقىت:2012-02-21 12:38:45  يازغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:164   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

بىر كۈنى ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇغۇچىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ سورىدى :
- دەرەختە ئون قۇش بولسا ، تاپانچا بىلەن بىرنى ئېتىۋەتسە قانچىسى قالىدۇ ؟
ئوقۇغۇچى ياندۇرۇپ سورىدى :
- ئاۋازسىز تاپانچا بىلەنمۇ ؟
- ياق .
- ئوق ئاۋازى قانچىلىك ؟
- 80 - 100 دېتسىبىل ئەتراپىدا .
- دېمەك ئوق ئاۋازى خېلى كۈچلۈك ئىكەن .
- بۇ شەھەردە قۇشلارنى ئېتىش قانۇنغا خىلاپمۇ ؟
- خىلاپ ئەمەس .
- ئۇ قۇش ئوق ئۆتمەس كىيىم كېيىۋالغانمىكەن ؟
- ياق .
- ئۇ قۇشنىڭ راستىنلا ئۆلگەنلىكىگە قەسەم قىلالامسىز ؟
- ھەئە . قانچە قۇش قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن بولامدۇ ؟
- بولىدۇ ، دەرەختە گاس قۇشلاردىن بارمىكەن ؟
- يوق.
- قەپەسكە سولانغانلىرىدىن چۇ ؟
- يوق .
- مېيىپ ياكى ئاچلىقتىن ئۇچالمايدىغان قۇش بارمۇ ؟
- يوق .
- تۇخۇم ئىچىدىكىسى ھېسابمۇ ؟
- ھېساب ئەمەس .

 
ئوقۇتقۇچى تەرگە چۈمۈلدى ، قوڭغۇراق چېلىندى ، ئەمما ئوقۇغۇچى سۆزىنى داۋام قىلدى :
- قۇشلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈمدىن قورقمايدىغانلىرى بارمىكەن ؟
- ھەممىسى ئۆلۈمدىن قورقىدىكەن .
- بىر تال ئوق بىلەن ئىككى قۇشنى ئۆلتۈرگىلى بولامدۇ ؟
- بولمايدۇ ، بولمايدۇ !!!!!!!!
- ئەگەر سىزنىڭ سۇئالىڭىز ئادەمنى ئالدىمىسىلا ، - دېدى ئوقۇغۇچى چوڭقۇر ئىشەنچ بىلەن ، - ئۆلگەن قۇش دەرەخكە ئېسىلىپ قېلىپ پەسكە چۈشمىسە بىرسىلا قالىدۇ ، پەسكە چۈشۈپ كەتسە بىرسىمۇ قالمايدۇ .
 ئوقۇتقۇچى يىقىلىپ چۈشتى .
 

 

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ