ئايالى قىزىغا چاپان تىكمەكچى بولۇپ، رەختنى كېسىشكە تەمشىلىپ:«تېخى تۈنۈگۈنلا قايچىنى بىلەپ خېلى ئۆتكۈر قىلىپ قويغان، رەختنى پەقەتلا كەسكىلى بولمايدىغۇ؟» دەپ قاقشاپ كېتىپتۇ.
«ئۇنداق ئەمەستىغۇ، ئەتىگەن تۆمۈرنى كەسكەندە خېلى ئېتتىك قىلىۋاتاتتىغۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يولدىشى.