ئۆلكە يېڭى ئازات بولغان ۋاقىتلاركەندە. بىر كۈنى ناسىروپ ئاكا لەغمەنگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئايالىنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئىككى قاچا يەۋەتمىسەم لەغمىنىڭدىن » دەۋېرىپتۇ ، ئايالى «خۇدايىم بۇيرىسا دەڭ» دىسىمۇ پەرۋا قىلماي يەنە شۇنداق دەۋېرىپتۇ .. لەغمەننى سۈزەي دىگەندە دەرۋازا « تاك ، تاك » قىلىپ چېكىلىپ ناسىروپ ئاكىغا گەپ بارلىقىنى دەپ كەنت باشقارمىسىغا ئېلىپ كېتىپتۇ ... تەڭ كېچە بىلەن بىرمۇنچە ئەرزىمەس دېلوغا چېتىلىپ قالغان ناسىروپ ئاكا قورسىقى ئاچ قايتىپ كېلىپ دەرۋازىنى چېكىپتۇ .. ئايالى ئەنسىز ئاۋازدا : - كىم ؟؟؟ ناسىروپ ئاكا تېخىمۇ ئەنسىز ئاۋازدا: _ خۇدايىم بۇيرىسا سېنىڭ ئېرىڭ |