بىر ئورمانلىقنى ئوتتۇرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر دەريا باركەن، دەريانىڭ بىر تەرىپىدە توشقان، يەنە بىر تەرىپىدە يولۋاس ياشايدىكەن.... توشقان بىركۈنى ئەتىگەندە يۈزىنى يۇغىلى دەريا بويىغا چىقىپ يولۋاسنى چاقىرىپتۇ... - ھەي يولۋاس، ھەي يولۋاس يولۋاس توشقاننىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ دەريا بويىغا چىقىپتۇ. يولۋاس: - ھە، نىمە دەيسەن؟ توشقان: - ئاچاڭنى ئالايمۇ ؟ نىسىغا ؟ يولۋاس ئىچى ئاچچىق بولغان ھالدا كىرىپ كىتىپتۇ، ئەتىسى ئەتىگەندە توشقان يەنە شۇنداق قىلىپتۇ، يولۋاس نىمە قىلارىنى بىلمەي، تازا ئاچچىقى كەپتۇ، ئۈچىنچى كۈنى بۇ ئىش يەنە تەكرارلانغاندىن كىيىن يولۋاس زادى چىدىماي دەريانىڭ يۇقىرىىسىغا قاراپ مېڭىپتۇ، قارىسا ناھايتى چوڭ بىر دەرەخ ئۆرۈلۈپ دەرياغا كۆۋرۈك بوپ قاپتۇ، يولۋاس ئۇ دەرەخكە يامىشىپ دەريادىن ئۆتۈپتۇ ۋە توشقاننىڭ ئۆيىنىڭ كەينىگە كىلىپ توشقاننىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ يىتىپتۇ. تۆتىنچى كۈنى ئەتىگەندە توشقان دەريا بويىغا چىقىپ ئادىتى بويىچە يولۋاسنى مازاق قىلماقچى بولۇپ چاقىرىپتۇ : - ھەي يولۋاس، ھەي يولۋاس يولۋاس ئاستا ئويغىنىپ، توشقانىڭ كەينىدىن كېلىپ مۈرىسىنى تۇتۇپ: - ھە ، نىمە دەيسەن دىسە، ھۇدۇققان توشقان، دەرھاللا ئۆزىنى ئوڭشاپ : - ئاچام خىلى چوڭ بوپ قالدى، ئالامسەن ؟ نىسىگە _ دىگۈدەك. |