بىر قىز قىلىدىغان ئىش تاپالماي باققاللىق قىلماقچى بوپتۇ. ئۇ بىر سىۋەت ئالمىنى بازاردا تىزىپ قويۇپ، جىڭنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ، بۇ قىزچاق بەكلا تارتىنچاقكەندە، باشقىلار «ئۇنى ساتىمەن، بۇنى ساتىمەن » ۋاقىرىسىمۇ بۇقىز ۋاقىرىيالماپتۇ.قىزچاق ئاخىرى قاتتىق غەيرەتكە كېلىپ ۋاقىراپ باقماقچى بوپتۇ، يېنىدىكى باققال« ئالما ساتىمەن» دەپ ۋاقىرىشىغا ئۇمۇ ئۇلاپلا ۋاقىراپتۇ:- مەنمۇ ساتىمەن