بىر قانچە ئاغىنىلەر بىللە ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ،كەيپى توشقاندا غەيۋەتكە چۈشۈپ قاپتۇ.ئارىدىن بىرى قوپۇپ:
- ئاغىنىلەر ،مۇشۇ ھۆكىمەتمۇ قىزىقكەن ، قىسقا يوپكا كىيگەن ئاياللارنى تېرىپ ئەكىلىپ سولىۋەتسە بولىدۇ ،-دەپتۇ.
- مەنچە بولسا،_ دەپتۇ يەنە بىرسى، - ئاتمىش سانتا كىيگەنلەرنى ئون بەش يىلدىن يىگىرمە يىلغىچە كېسىپلاۋەتسە.
_ بۇ دىگىنىڭمۇ توغرا دەپتۇ يانا بىرسى. _ قىرىق سانتا كىيگەنلارنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا بۇيرىۋەتسە.
شۇ ئارىدا بىرسى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مىچىلداپ يىغلاپ كىتىپتۇ.
_نىمە بولدۇڭ ئادىشوي،_ دەپ سوراپتۇ ئالدىنقىسى.
_ سىلەر دىگەندەك بولسا،_ دەپتۇ ئاغىنىسى چۈشەندۇرۇپ،_ بىزنىڭ خوتۇن گەپ _ سۆز يوق ئېتىلىپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ.