بىر ئادەم پىل چىشىدىن ياسالغان چوكا سېتىۋاپتىكەن، بىراق ساختا چىقىپ قاپتۇ. شۇڭا ئۇ سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپتۇ:_ سىلەر بۇ چوكىنى پىل چىشىدىن ياسالغان دەۋاتاتتىڭلار، ئۇنداق ئەمەسكەنغۇ.دىرېكتور: ئۇ چوكىنى ياسىغان پىل چىشىنى مەن پىلنىڭ ئاغزىدىن ئۆز قولۇم بىلەن ئالغان. قارىغاندا ئۇ پىل يالغان چىش سالدۇرۋاپتىكەن - دە.