بىر ئوغرى توخۇ كاتىكىگە ئەمدىلا كىرىشىگە، ئۆي ئىگىسى ئويغۇنۇپ كېتىپتۇ-دە: - بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ دەپ سوراپتۇ. - مەن توخۇدىن، تۇخۇمنىڭ بىرى نەچچە پۇل؟ دەپ سوراپ باقاي دېۋىدىم، دەپتۇ ئوغرى.