بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھى قوشۇنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئەسكەرلەردىن: -مەن سىلەرگە ماڭا قارىتىپ ئوق چىقىرىڭلار دەپ بۇيرۇق چۈشۈرسەم ،سىلەر بۇيرۇقۇمغا بويسۇنامسىلەر؟-دەپ سوراپتۇ. -بويسۇنىمىز، چۈنكى بۇيرۇققا بويسۇنۇش ئەسكەرنىڭ بۇرچى،بۇيرۇق چۈشۈرسىڭىز بىز چوقۇم بويسۇنىمىز،_دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەسكەرلەر. بىراق بىر ئەسكەر: -مەن ئوق چىقارمايمەن،-دەپتۇ. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ خوشال بوپتۇ ۋە ھېلىقى ئەسكەرنى ماختاپ : -ناھايىتى ياخشى ،سەن بولساڭمۇ مېنىڭ ھاياتىمنى ئەسكەرلەرنىڭ بۇرچىدىن يۇقىرى كۆرىدىكەنسەن،-دەپتۇ. كېيىن ئۇ ھېلىقى ئەسكەردىن نىمىشقا ئوق چىقارمايدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ: -چۈنكى مەن ئاشپەز،شۇڭا مىلتىقىم يوق،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. |