ئەپەندىمنىڭ خوتۇنى سەل قارامتۇل ھەم ناھايىتى بېشەم، جېدەلخور ئايالكەن. ئۆيدە جېدەللىشىپ، سوقۇشۇپلا قالسا ئۇششۇقلۇق قىلىپ، ئەپەندىمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىۋېلىپ كۆڭلىكىنڭ ياقىسىنى يىرتىۋېتىدىكەن. بىر كۈنى ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئەپەندىم خوتۇنىنىڭ بېشەملىكىگە چىدىماي : ــ نېمانداق بېشەم خوتۇنسەن؟ چىق ئۆيدىن ھۇ قارىلاق، ـــ دەپ تىللاپتۇ. ئەپەندىمنىڭ خوتۇنى ‹‹قارىلاق›› دېگەن بۇ ھاقارەتكە چىدىماي يېغلىغىنىچە ئاپىسىنىڭكىگە يامانلاپ كېتىپ قاپتۇ. ئەپەندىمنىڭ قېينانىسىمۇ خۇددى خوتۇنىغا ئوخشاشلا بېشەم، غەرەز ئۇقمايدىغان ئايالكەن. قىزنىڭ يېغلاپ كەلگىنىنى كۆرگەن ئاپىسى قىزىنى ئەگەشتۈرگەن پېتى ئەپەندىمنىڭ ئۈستىدىن قازىغا ئەرز قىلىپتۇ. ئەپەندىممۇ قازىخانىغا چاقىرتىلىپ كېلىنىپتۇ. قېينانىسى ئەپەندىمنى كۆرۈپلا مۇنداق قوشاق ئېيتىشقا باشلاپتۇ : ــ ئاي يۈزۈمنى يۈزلىرى، ئايدەك تۇرسا پارقىراپ. نومۇس قىلماي سەن ئۇنى، تىللاپسەنغۇ قارىلاق. ئەپەندىممۇ قېيناسىنىڭ قوشىقىغا جاۋابەن مۇنداق قوشاق توقۇپتۇ : ــ ئايمىدۇ ئايلامىدۇ ؟ ئايغا بۇلۇت دالدامىدۇ ؟ ئاي بولسا ئاقراق بولار ئىدى، قارا ئايمۇ بارمىدۇ؟
|