بىر گۈزەل شەھەرنىڭ بىر چېتىدىكى بىر كىچىككىنە بازاردا بىر جۈپ قىز يىگىت بار ئىكەن ، قىز يىگىتنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن ، يىگىتكىمۇ گەپ كەتمەيدىكەن . بىر كۈنى بۇ بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇقلار سەيلە قىلىش ئۈچۈن بىر كۆلنىڭ بويىغا كەپتۇ ۋە قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىشىپتۇ . تۇيۇقسىز قىزنىڭ «ۋايجان!!!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ ، يىگىت قارىسا قىز كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن يىگىتمۇ سۇغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ ، بىراق يېرىم كۈن ئىزدەپمۇ قىزنى تاپالماپتۇ ، ئۇ ناھايىتى ئازاپلىنىپتۇ ، يىغلاپتۇ. ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كىيىن يىگىت قىزنى ئەسلەپ ، قىز چۈشۈپ كەتكەن كۆل بويىغا كەپتۇ ۋە يەنە قايغۇرۇپ ياش تۆكۈپتۇ ، يىگىت ئەتراپىغا قارىسا بىر بوۋاي كۆلگە قارماق تاشلاپ تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن يىگىت دەرھال بوۋاينىڭ قېشىغا كېلىپ « بوۋا ، بۇ كۆلدە چۆپ بارمۇ ؟» دەپ سوراپتۇ ، بوۋاي جاۋابەن « ئوغلۇم ، مەن بۇيەردە بېلىق تۇتۋاتقىلى 20 نەچچە يىل بولدى ، مەن بۇ جەرياندا بۇ كۆلدە چۆپ كۆرمىدىم .» دەپتۇ . يىگىت بۇنى ئاڭلاپ ، تېخىمۇ ئازاپلىنىپتۇ ، ۋە ئۆيگە قايتىپتۇ . ئەتىسى بازاردىكى كىشىلەر بۇ يىگىتنى يەرلىكىگە قويۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىشىپتۇ . چۈنكى يىگىت بوۋاينىڭ ھېلىقى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، ناھايىتى ئازابلىنىپ ۋە ئۆيىگە قايتىپ ئۆلىۋاپتۇ.
يىگىت نېمە ئۈچۈن ئۆلۋالغان ؟