بىر مايمۇن چىلانلىق باغدا ئايلىنىۋېتىپ قورسىقى ئاچقىنىنى سېزىپتۇ-دە، بىر سېۋەت تېپىپ كېلىپ لىققىنە چىلان توشقۇزۇپ ئۇۋىسىغا قايتىپتۇ. قايتقان ۋاقتىدا قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن سېۋەتتىكى چىلاننىڭ تەڭ يېرىمىنى يەپ بولۇپ يەنە بىر تال چىلاننى ئارتۇق يەۋاپتۇ. ئەتىسى، ئالدىنقى كۈنى ئېشىپ قالغان چىلاننىڭ تەڭ يېرىمىنى يەپ بولۇپ يەنە بىر تال چىلاننى ئارتۇق يەۋاپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئالدىنقى كۈنى ئېشىپ قالغان چىلاننىڭ تەڭ يېرىمىنى يەپ بولۇپ يەنە بىر تال چىلاننى ئارتۇق يەۋاپتۇ. .... مۇشۇنداق قىلىپ (ھەر كۈنى ئالدىنقى كۈنى ئېشىپ قالغان چىلاننىڭ تەڭ يېرىمىنى يەپ بىرنى ئارتۇق يەۋاپتۇ) 10-كۈنى چىلان يېيىش ئۈچۈن سېۋەتكە قارىسا پەقەت 1تاللا چىلان قاپتۇ.
سۇئال: سېۋەتتە ئەسلى جەمئى قانچە چىلان بار ئىدى؟ (ئەسكەرتىش: مايمۇن چىلاننى پارچىلاپ يىمىگەن.)