بىر كىشى بولغان ئىكەن ، بىركۈنى ئۇ ئۈلۋالماقچى بولۇپتۇ ،ياشانغان بىر كىشى ئۇنى تۇسۇپ نىمىشقا
ئۈلۋالماقچى ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ.
- ئۆيۈمدە ئېغىر ئائىلە قىيىنچىلىقى بار شۇڭا ئۈلۋالىمەن . -
- ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق . قېنى دىگىنە قانداق قىيىنچىلىق ؟
مەن بىر تۇل خوتۇننى ئالغان ، ئۇنىڭ بويىغا يەتكەن بىر قىزى بار ئىدى ، دادام ئايالىمنىڭ قىزىنى كۆرۈپ ئالىمەن دەپ تۇرۋالدى
شۇنىڭ بىلەن دادام قىزىمنىڭ ئىرى بولۇپ قالدى ، مەن بولسام دادامنىڭ قېينى ئاتىسى بولۇپ قالدىم . ئايالىم بىر بالا تۇغدى
بۇ بالا دادامنىڭ نەۋىرىرسى بولدى . ئۆز نۆۋىتىدە مىنىڭ بالام دادامنىڭ ئايالىنىڭ ئىنىسى بولدى .
ئەسلى ئۇ مىنىڭ تاغام بۇلۇشى كېرەك ئىدى . ئۇنى ئوغلۇم دىسەممۇ تاغام دىسەممۇ بولىدىغان بولۇپ قالدى ،
دادامنىڭ ئايالى بىر بالا تۇغقاندىن كىيىن ئۇ بالا مىنىڭ ئىنم بولدى ، ھەم يەنە نەۋرەم بولدى ، چۈنكى ئۇ ئايالىمنىڭ نەۋرىسىدە
ئايالىم ئىنىمنىڭ چوڭ ئاپىسى بولغاندىن كىيىن ئايالىم مىنىڭمۇ چوڭ ئاپام بولۇپ قالدى ، ھەم مەن ئايالىمنىڭ نەۋرىسى بولۇپ
قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئايالىمنىڭ ئىرى ھەم نەۋرىسى بولۇپ قالدىم ، چۈنكى ئايالىم ئىنىڭنىڭ چوڭ ئاپىسىدە !
شۇڭلاشقا مەن ئىنىڭنىڭ چوڭ دادىسى بولدۇم ، شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزۈمنىڭ چوڭ دادىسى ھەم نەۋرىسى بولدۇم .
گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ھېلىقى ياشانغان كىيى ئۇنى سۆزدىن توختىتىپ ، بولدى ! ئاللاھ ساڭا ۋە داداڭغا لەنەت قىلسۇن !
ساراڭ بولۇپ ياشىغۇچە مەنمۇ سەن بىلەن ئۈلەپلاۋالاي !!!!!!!!!!!!
ئىسىڭلاردا بولسۇن بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى مەن ئەمەس . ئەسەر ھوقۇقى ئەسلى ئاپتۇرغا تەۋە !!!!!!!!