باغلار ئارا يۈردۈم گۈلۈمنى ئىزدەپ،
خۇشپۇراقتىن بىر نەپەس ئالايمىكىندەپ.
بىر گۈل تۇرۇپتۇ خىيالغا تۇلۇپ،
بۇلبۇلىنى قاياقتىن كىلەركىندەپ.
قۇلۇمنى ئۇزاتتىم گۈلنى ئۈزەيدەپ،
نىدا كەلدى ئەي ئىنسان قۇلۇڭنى تارتدەپ.
قارىسام بىربۇلبۇل تۇرۇپتۇ سايراپ،
مەشۇقى مەن گۈلنىڭ رەھىم قىلغىندەپ.
خىيالغا پاتتىم شۇگۈلگە قاراپ،
ئۈزەيمۇ ئۈزمەيمۇ دىگەننى ئويلاپ.
قىلغانتىم ھەركەت ئاخىرى ئۈزەيدەپ،
سانجىدى گۈل تىكىنىنى ئۈزىنى قوغداپ.
تارتتىم قۇلۇمنى شۇئان قالدىم تۇرۇپ،
گۈل قىلار پەرياد بۇلبۇلمۇخەندان ئۇرۇپ.
بولدى دەپ كەتتىم ئارقامغا يېنىپ،
بەخىت تىلەپ ئۇلارغا دەردىمنى يۇتۇپ.
«تەشنا يۈرەك»