ماڭا ئەلەم بولدى بۈگۈن،
سۇلدى مىنىڭ سۆيگۈ گۈلۈم.
زەئىپلەشتى شوخ يۈرۈگۈم،
خۇشال ئۆتمەس بولدى كۈنۈم.
ئۇچۇپ كەتتى بەخىت قۇشۇم.
بەربات بولدى شىرىن چۈشۈم،
خىرەلەشتى نۇرلۇق كۈزۈم.
سۇلدى مىنىڭ سۆيگۈگۈلۈم.
ئۈزۈلدى سەندىن ئۈمۈدۈم ،
ئۈتەرمۇ يارسىز ئۈمۈرۈم.
«تەشنا يۈرەك»