باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
مۇھەببەت تەبىرى
يوللىغان ۋاقىت:2010-08-12 17:47:56  يازغۇچى:پالۋان 512  كىلىش مەنبەسى:ئۇقمايمەن  ئاۋاتلىقى:1079   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

مۇھەببەت  تەبىرى

مۇھەببىتىم تۈندە كۆرگەن چۈش ئەمەس،
كۆز ئاچقۇچە ئەستىن چىقىپ كەتكىلى.
مۇھەببىتىم ئەمەس سىرلىق تېپىشماق،
ھەر كىم ئۆزى خالىغانچە يەشكىلى.

مۇھەببىتىم يىغلاپ كۆيگەن شام ئەمەس،
"
غىل-پال"يورۇپ بىردەمدىلا ئۆچكىلى.
مۇھەببىتىم قىياس ئەمەس يۇلتۇزغا،
بىر ساقىپلا كۆكتىن يەرگە كۆچكىلى.

مۇھەببىتىم بېغىمدىكى گۈل ئەمەس ،
يازدا ياشناپ،كۈزدە خازان تۆككىلى.
مۇھەببىتىم ئەمەس ھەييار كېپىنىك،
گۈلدىن-گۈلگە قونۇپ شۇئان يۈتكىلى.

مۇھەببىتىم مەن بىلەن تەڭ تۆرەلگەن،
تەڭ تۇغۇلغان مەڭگۈ ماڭا قوشكېزەك.
ھايات ئىشقى بەرمىگەندە تەنگە جان،
بولماس ئىدىم بۈگۈنكىدەك ئوت يۈرەك.

مۇھەببىتىم ئىلاھ كەبى مۇقەددەس،
ياشنايدۇ ئۇ دىل تۆرىمدە بىغۇبار.
مۇھەببىتىم ئىمانىمدەك مۇكەممەل،
زېكرى قىلسام ھەر سۆزۈمگە تىل تۇمار.

مۇھەببىتىم مەندىكى چىن ئەقىدە،
ئەقىدەم بار،سۆيگۈم ھايات،مەن ھايات.
مۇھەببىتىم شۇ ھاياتنىڭ پەرۋازى،
ئۆلمەس كۆڭۈل قۇتلىرىغا جۈپ قانات.

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ