ئاخىرقى يانچۇق
بىر ئايال ئېرىغا كايىپتۇ؛
-ئىشتىنىڭىزنىڭ يانچۇقى نېمەدىگەن جىق،باشقىلىرىنى يامىۋېتىپ بىرنىلا قالدۇرۇپ قويدۇم،بۇنىڭدىن كېيىن پۇل-پۇچەكلىرىڭىزنى شۇ يانچۇققا سالارسىز.
-توغرا،-دەپتۇ ئەر،-ئۇنىڭدىكى پۇللارنىمۇ كولاپ بولۇپ يامىۋېتەرسەن.
پۇراق
بىراۋ يەنە بىراۋدىن سوراپتۇ؛
-دۇنيادا نېمىنىڭ پۇرىقى يوق؟
خىيال بىلەن تۇرغان ھېلىقى ئادەم ئۆزىمۇ بىلمەي دەپتۇ؛-خىيالنىڭ.