باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
خوتەنچە گەپ كــــام بـــولا
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-20 10:30:00  يازغۇچى:kumlukarkisi  كىلىش مەنبەسى:تور  ئاۋاتلىقى:8291   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

بۇ تىمىنى بۇرۇن مەن تونىمايدىغان بىر تورداش يوللىغان بىر قانچە كۈن مۇدا بولغان بەك قىززىق تۇيۇلۇپ ساقلىۋالغانتىم قايتا بىر ئۇقۇپ كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ

 
كــام بـــۇلا ...( ھەقىقى خوتەن شىۋىسى )  
(قوي بازىرىدىكى دىئالوگ )  
ئاپتورى : مۇھەممەتئىمىن قۇربان

 
___ ساتاملا بۇ تازنى ؟ 
___ ساتىتمە دەپ ئەكىيدىم .  
___ ئېتىنى قويسىلا ئەمىسى
___ مال تونۇيالىيتكەنلا ، مىنى دىگۈزمەي ، ئۆزلىرى چاغلاپ ...
___ ئىگىسى سىلىمۇ يا ؟
___ بۇ يانچاقنى مەن تۇتقاندىكىن ، ئىگىسى مەنتىمە .
___ دىسىلە ئەمىسى نەچچە پۇلغا بىرىتلا ؟
___ ئۆزلىرىنىڭ نەچچە پۇلغا ئاغىلىرى باكى ؟
___ ھە ، نەخ گەپنى دىسىلە .  
___ باشقىلىغا دىگەننى سىلىگە دىسەم بومايتۇ ، ئۈچ يۈز ئەللىك كوي بەسىلە ئەمىسى .
___ ۋۇيجۇن ، مۇشۇ كىچىك باقىنى غۇنىجىننىڭ نەقىدە ساتاملا قالىسلا ؟  
___ قاغىنىغا سىلىمۇ بىي نىمە دىمەملا ؟ 
___ ماندا ئاسماندا ئاتسىلا ئالاممىغىدەيمە .
___ رىسقى با خىيدا ئاتۇ .
___ باشقىدىن دىسىلە نەقىنى . :
___ ھا - ماقۇل ، ھاجى سۈپەت ئەدەمكەنلا ،ئون كوينى تاشلىۋاتاي ، ئۈچ يۈز قىرىقنى بەسىلە ئەمىسى . 
___ كام سوسام بەمىيتلا ، ئىككى يۈز كوي بىرىييا ؟ !' 
___ ... 
___ گەپ قىغۇلىرى كەمىي ئىڭغا قالاپ تۇرتلىيا ، بەك كام سوغان چېغىمبا
___ مۇت بەسىلە دىمىي پۇلغا ئالاي دىللە ھەنىم بولسا .
___ بەسىلە بۇتتى . : 
___ پاقلان ئالدىلىردا تۇرتۇ ، مالغا قالاپ بىينىمە دىسىلە كام سوماي .  
___ چىشىنى كۆمەپتىمە تېخى >>
___ كۆسىلە - كۆمىسىلە ئەممە تېخى .
___ ئەمىسى سىلىنى ئەممەي ئانىسىنى ئىمىپتىۋىلا ، بەدىم دىسىلە .
___ كام بۇلا
___ ھە بولاپتۇ ، ئەممىلىكىگە بەش كوي قاتتىم .ئەمدىغۇ بوغانتۇ .

___گەپ بەش كويدا بۇلا بوسا ئابايا بىرىۋىتىتتىم . , 
___ يىيىشى كام ئەمەستۇ - ھە ؟ -lL(:drn 
___ يىمەس مالنىڭ قۇسقى ماندا تومپىيامتا . < خوتۇنۇڭ يىيىشلىك بوسا ئۇدى خۇدا ، مېلىڭ يىيىشلىك بوسا بەدى خۇدا > دىگەن گەپ با . بىي كالىنىڭ ئىشتىيى با بۇ پاقلاندا . ھە مۇشۇندا ھەممە يىرىنى كۆرەپ تۇتۇپ باققانلىرى ئابدان بولدى . بۇندا بىجىرىم مالنى باقسىلا ئەجرىلىرى يانىتۇ . 
___ بايىقى دىگنىمگە ماقۇل دىسىلە ، سىلىدىن خوشۋۇلاي . * 
___ ماڭا يالۋۇرمىسىلىمۇ بۇتۇ ، مال ئونۇمايتۇ .  
___ ھە ، بۇلاپتۇ ، يىيىشلىك بوغىنىغا بەش كوي قاتتىم .  
___ كام بۇلا  
___ كېمى يوق ئىككى يۈز ئون كوي دىدىميا ؟
___ كام بۇلا  
___ بەگىلىرى كەمىدى ھاما .
___ مىنىڭ بەگىم كەلدى ، سىلىنىڭ ئاغىلىرى كەمىدى .  
___ ماڭ قالىسلا ، يۈزلىرىگە قالىسام كۆز - قانى خېلى توق ئادەمكەنلا ، بەسىلە ما تازنى .
___ كام بۇلا  
___ كېمىنى خۇدايىم بىرە .
___ ...  
___ بۇلاپتۇ ، سىلە چىدىمىسىلا مەن چىداي ، پۈتۈنلىۋىتىييا ، بولدىما ؟  
___ ئىككى يۈز يىگىمىما ؟  
___ ئىككى يۈز ئومبەش ، ما پۇلنى سانىسلا . :
___ خېلىۋەك كام تېخى . 

___ مالنىڭ نەقىگە يەتكىننى بىلەممىللە .  
___ بازانى مەن قىيمەت قىپ بۇلاممايتمە ، سىلە ئەزان قىپ بۇلاممايتلا ، بازا نەقىدە ئاسلا .
___ بۇلاپتۇ ،قىيمەت ئېپسەن دەپ ئاچچىقلايتقان ئانام ، دادام يوق ، يەنە قاتاي بەش كوي ، ئاچسىلا ئالقانلىرىنى .
___ كام بۇلا 
___ شەيتاننى ھەيدىۋېتىپ سانىسلا ما پۇلنى .  
___ كام بۇلا  
___ قانچىلىك كام ، دىسىلە ئەمىسى .
___ ئۆزلىرى بىلەلا .
___ ھەي بەندە ، ئەدەمنىڭ كېمى ئۆلگەندە تۈگىيتۇ .
___ ئۇغۇ شۇ .
___ بەدىم دىسىلە تاش چىشلەپ تۇرۇۋاماي ئەمدى . 
___ مىنى قىستىمىسىلا ، ئۆيىمىزگە چىققان بوسىلىغۇ بۇنچىلىك بىينىمىنى پۇل ئالماي ئالدىلىرغا سېپ بىرتمە ، بازاغا ئەكىپ قېپتىمە ئەمدى .
___ مۇشۇ ئۇز گەپلىرىگە چىدىماي يەنە بەش كوي قاتتىم . ماۋۇ قالاپ تۇغانلار ئاڭلاپ قالدى ، گىپىمدىن يېنىۋامايتمە .
___ بەسىلە ئەمدى .(يېنىدا تۇرغان باشقا بىرسى سۆزلەيدۇ
___ بىرەمتىمە ، بەمەمتىمە ئۆزەم بىلىتمە ، دالتەك بوماي يولىڭىزغا مېڭىۋىرىڭە سىز .
___ خاپومىسلا ، خاپومىسلا ، سالاچى بومىسا سودا قىماق تەس . ئىبايا مەنما يەنە قوشسىلا دىگەن سالاچىلارغا ئاچچىقلاپ قامىدىم . سىلە بەدىم دىگەندە ، مەن ئالدىم دىگەندە بۇتۇ سودا دىگەن . يەنە كامما ؟
___ بەمىگەن يىرىم با .  
___ نەچچە پۇلغا بەمەپلە ؟' 
___ ئىككى يۈز يەتمىشكە .  
___ بازا دىگەندە ئاشۇندا ئالا چىپا ئەدەملە با ، ئامايتقان ھالىغا قالىماي ئاسماندا گەپ قىتۇ . بىرىي دىسە ئۆيدىن پۇل ئەكىلىي ، بىيكىمگە بىرىۋەتمىسلە دەپ قوياپ يوقاپ كىتىتۇ . ئاشۇندا ئاشۇندا ئالا - چىپادىن بىيسى ئۇچۇرۇپتۇ سىلنى .  
___ ئۇچۇرمىغان ، چىن - پىششىغ تالاشقان .  
___ ئەمىسى ئاشۇنىڭغا بەگۈلۈككەن .  
___ بۇ پاقلاننى ئـــاتمە دەپ جېق لەۋزى قىللا ، لەۋزىلىرىگە رازى بوسىلا ماقىما .
___ لەۋزىمنى ئامىللا ئەينا . , 
___ لەۋزىلىرىنى مىڭ كويغا ئاساممۇ قىيمەت ئەمەس ، شۇندا بوسىمۇ ....
___ بەسىلە بومامتا ئەمىسى.
___ خاپومىسلا ، بازادا خىيدا يالغۇر سىلى ئەمەس .
___ مال ساتقىلى كىيگەنلىمۇ يالغۇز سىلى ئەمەسكەن ئەينا
___ نەچچە پۇلغا چىقلىكى؟ 
___ ئىككى يۈز يىگىمبەشكە چىقتىم ، ماۋۇ پۇلنى سانىۋېلىپ ئەكەسلە بۇ يانچاقنى ماڭا بەسلە . ,
___ خاپوماي بازانى چۆگىلەپ كەسلە ، مەنمۇ بىيدەم بازانى دەڭسەپ باقاي . بەگىدەك يىرى بوسا ھېلى كەگەنلىرىدە بىرەمە . 
___ ئەمىسى ساتقىلى ئالدىرمىسلا .  
___ ئابدان 

شۇنداق قىپ بۇ ئەدەم قۇزىىسىنى ساتاممىغان چېغىۋا. لېكىن سودا قىلىش جەريانى بەك مۇرەككەپكەن. مەن بۇندا بازاغا باسام ھېرىپ ئۈلەپ قاغىدەيمە

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ