ئالدامچى توغرى كەلمەيدۇ،
ياخشى ئادەم ئوغرى كەلمەيدۇ.
ئەل ئوغلىدىن قۇۋلۇق كەلمەيدۇ.
مەرىدتىن شۇملۇق كەلمەيدۇ.
ب : ياماندىن ۋاپا كەلمەيدۇ،
ياخشىدىن جاپا كەلمەيدۇ.
ناداندىن پايدا كەلمەيدۇ،
تەلۋىدىن قايدا كەلمەيدۇ.
ئا : بىلىم جاپاسىز كەلمەيدۇ،
نەتىجە خاتاسىز كەلمەيدۇ.
توپلەي پىستانسىز كەلمەيدۇ،
سەۋېر-تاقەت دەرمانسىز كەلمەيدۇ.
ب :ئاتا- ئانا مىھرىسىز كەلمەيدۇ،
زېرەك پەمسىز كەلمەيدۇ.
ئېنسان غەمسىز كەلمەيدۇ ،
ئا: ئەدەپ-ئەخلاق كېبىرلىك كەلمەيدۇ،
غەيرەتسىز تەدبېرلىك كەلمەيدۇ.
قۇرۇق سۆزدىن بەخىت كەلمەيدۇ،
ھورۇنغا ۋاقىت كەلمەيدۇ.
پۇشايماندىن شادلىق كەلمەيدۇ.
ب : ھېممەتلىك ئادەم يامان كەلمەيدۇ،
قۇرۇق خىيالدىن دەرمان كەلمەيدۇ،
شەپقەتسىزدىن ئېناۋەت كەلمەيدۇ.
شەرەپسىز ھۆرمەت كەلمەيدۇ.
ئا : ئادالەت يولى تار كەلمەيدۇ،
چېراغ نۇرى قارا كەلمەيدۇ.
ھەسەل ئاچچىق كەلمەيدۇ،
نەسىھەت تاتلىق كەلمەيدۇ.
غەپلەتتىن شادلىق كەلمەيدۇ.
ب : مۈڭگۈسسىز كالا كەلمەيدۇ،
كۆڭۈللۈك ئىش چالا كەلمەيدۇ.
ھۇشيارغا بالا كەلمەيدۇ.