باس-باس بۈگۈن ئىشقا كىچىكىپ قالدى. ئىشخاندىكى باشقا خادىملار ئۇنىڭدىن زادى نىمە ئۈچۈن كىچىكىپ قالغانلىقنى سوراپتۇ:
-نېمىشقا كىچىكىپ قالدىڭ؟
-ئايالىم 100 سوم پۇلنى يوقىتىپ قويغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن....ئۇ پۇلنى راسا ئىزدىدى دەڭلار...
- ئايالىڭ ئىزدىگەن بولسا سەن زادى نېمە ئىش قىلىدىڭ؟
- ھەي نىمە ئىش قىلاتتىم، يوقاتقان پۇلنى مەن بېسىپ ئولتۇرۋالغان ئىدىم.
ئوتقاش ئۇستاز ئايالى بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، ئۇلار زادى گەپلەشمەسلىككە، گەپنى خەت ئارقلىق قىلشىدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى ئوتقاش ئۇستاز ئايالغا خەت يېزىپ مۇنداق دەپتۇ:
- ئەتە مېنى سائەت يەتتە يېرىمدا ئويغۇتۋەت، مەن يىغىنغا بارىمەن.
ئەتىسى سائەت توققۇزدا ئوتقاش ئۇستاز ئورندىن تۇرۇپ قارىسا، ئايالى مۇنداق خەت يېزىلغان باغاقچىنى ئۇنىڭ ياستۇقىغا قىستۇرۇپ قۇيۇپتۇ:
- تۇر، سائەت سەككىزگە يىگىرمە مىنۇت قالدى.
راتىنا بېشى ئاغىرىپ زادىلا ئۇخلىيالماي قاپتۇ،ئۇ ئېرىنى زەردە بىلەن ئويغىتىپ كايىپتۇ:
- مەن بېشىم ئاغىرىپ ئىنجىقلاپ ياتسام سەن غېمىڭىدە يوق ئۇخلاۋاتىسەنغۇ؟
-بوپتۇ، بوپتۇ، ئەمسە سەن ئۇخلا، مەن ئىنجىقلاي... دەپ جاۋاب بىرپتۇ يولدىشى.
قەدىرلىك تورداش دوستىلار كۈلۈشكە بۇلىدۇ ئەمما خاپا بۇلۇشقا بولمايدۇ جۇمۇ؟....