باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
قانغۇچە كۇلۋېلىڭ..........خا خا خا
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-04 10:35:43  يازغۇچى:قاينام520  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:5501   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

تەسىرات

بىر ئايال ئاشنىسى بىلەن ئۆيدە ئولتۇرغاندا، تۇيۇقسىز يولدىشى كېلىپ قاپتۇ. ئايال دەرھال ئاشنىسىنى بۇلۇڭغا ئەكېلىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە ئاق سىر سۈركەپ:
— مەن گەپ قىلمىغىچە مىدىرلىماڭ ھە! — دەپ تاپىلاپتۇ.
يولدىشى ئۆيگە كىرىپلا:
— بۇ ھەيكەلنى ئالدىڭما؟ — دەپتۇ.
— ئۆتكەندە قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرسەم باركەن، بەك چىرايلىق كۆرۈندى. شۇڭا مەنمۇ بىرنى سېتىۋالدىم، — دەپتۇ ئايالى، يولدىشى گەپ قىلماپتۇ.
ئەتىسى يولدىشى بىر بولكىنى ئېلىپ ھەيكەلنىڭ ئالدىغا كەپتۇ – دە پەس ئاۋازدا:
— چاققان يە، مەن قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە تۇرغاندا، بىر ئىستاكان سۇمۇ ئىچەلمەي بەك قىينالغان، – دەپتۇ.

ياخشى ئۈلگە

كىيىملىرى جۇل– جۇل بىر تىلەمچى خوجايىننىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
خوجايىن: مەن ساڭا پۇل بېرەلمەيمەن، بەرسەملا ھاراق ئىچەرسەن.
تىلەمچى: مەن ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيمەن.
خوجايىن: ئۇنداقتا قىمار ئوينامسەن؟
تىلەمچى: ئەزەلدىن قىمار ئوينىمايمەن.
خوجايىن: قىزلارنى ئىزدەرسەن ھەقىچان.
تىلەمچى: مەن ئەزەلدىن قىزلار بىلەن ئارىلىشىپ باقمىغان.
خوجايىن: ئۇنداقتا بەك ياخشىكەن، مەن ساڭا 100 كوي بېرەي. بىراق مەن بىلەن بىللە بىزنىڭ ئۆيگە بارىسەن، مەن ئايالىمغا ھېچقانداق كەمچىلىكى يوق ئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قوياي.

ئامال بار

بىر كىشىنىڭ چىشى ئاغرىپ قاپتۇ، چىشىنىڭ ئاغرىقىدا ۋاي– ۋايلاپ قوشنىلارنىمۇ ئارامىدا قويماپتۇ. بىر قوشنىسى ئۇ كىشىنىڭ ئايالىدىن:
— يولدىشىڭىزنىڭ چىشىنىڭ ئاغرىۋاتقىنىغا بىر نەچچە كۈن بولدى، بىرەر ئامال قىلمىدىڭىزما؟ — دەپ سوراپتۇ.
— قىلدىم، — دەپتۇ ئايال، — بىر نەچچە كۈن بولدى مەن قۇلىقىمغا پاختا تىقىۋالدىم.

ياردەملىشىش

بىر قىز ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ، شىركىتىدىكىلەر ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ.
— دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ، خىزمەت جەھەتتە سىلەرگە ئېغىرلىقىمنى سالدىم، سەت بولدى – ھە، — دەپتۇ قىز.
— ياقەي، دەپتۇ بىر يىگىت، — سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى بىر نەچچىمىز بۆلۈپ قىلىۋاتىمىز، مەن گېزىت ئوقۇيمەن، چوڭ خانقىز تېلېفون ئۇرىدۇ، كىچىك خانقىز باش لىدىر بىلەن كۆڭۈل ئاچىدۇ...

تۇغۇلغان كۈندىكى كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق

بىر لىدىر ئاغىنىسىگە مۇنداق دەپتۇ:
— تۈنۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، كاتىپىم ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.
— نېمىدېگەن ياخشى – ھە! — دەپتۇ ئاغىنىسى.
— ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئۇ ماڭا بەش مىنۇتتىن كېيىن ياتاق ئۆيگە كىرىشىمنى، كۈتۈلمىگەن سوۋغا بارلىقىنى ئېيتتى، — دەپتۇ لىدىر.
— ۋاھ، نېمىدېگەن ياخشى، ھەقىقەتەن بەختلىكسەن، — دەپتۇ ئاغىنىسى.
— مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، — دەپتۇ لىدىر، — بەش مىنۇتتىن كېيىن ياتاق ئۆيگە كىرسەم، كاتىپىم بىلەن باشقا خىزمەتداشلار بىرلىكتە شام ياندۇرۇپ تۇرۇپتۇ.
— راستما؟ ھەقىقەتەن بەختلىكسەن، خىزمەتداشلىرىڭنىڭ ھەممىسى سېنى ياخشى كۆرىدىكەن – ھە! خۇشال بولغانسەن؟ — دەپتۇ ئاغىنىسى ھەۋەسلىنىپ.
— بىراق، ئۇ چاغدا مەن ياتاققا يالىڭاچ كىرىپتىكەنمەن، — دەپتۇ لىدىر.

خاتا ئاپتىمەن

لاتارىيىدە بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر كىشىدىن كىشىلەر سوراپتۇ:
— قانداق بولۇپ بۇ ساننى ئېلىشنى ئويلىغان؟
— مەن ئۇدا ئۈچ كۈن يەتتە دېگەن ساننى چۈشەپ قاپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن يەتتىنى ئۈچ كۈنگە كۆپەيتىپ 24 دېگەن نومۇرنى سېتىۋالدىم، — دەپتۇ ئۇ كىشى.
— بىراق يەتتىنى ئۈچكە كۆپەيتسە 21 بولىدىغۇ، — دەپتۇ كىشىلەر ھەيران بولۇپ.
— شۇنداق بولامدۇ، ئەستا خاتا ئېلىپ قاپتىمەندە، — دەپتۇ ھېلىقى كىشى ئەپسۇسلىنىپ.

بەلگە قويۇش

دادا بالا بېلىق تۇتقىلى بىر قولۋاقنى ئىجارە ئاپتۇ، ئۇلار كۆلنىڭ ئىنتايىن تىنچ بىر يېرىدە نۇرغۇن بېلىق بارلىقىنى بايقاپتۇ.
— نېمىدېگەن ياخشى، بىز بۇ يەرگە بەلگە سېلىپ قويۇپ ئەتىمۇ كېلەيلى! — دەپتۇ دادىسى.
— ماقۇل، مەن بەلگە سالاي، — دەپتۇ بالىسى.
قايتىشتا دادىسى بالىسىدىن:
— نەگە بەلگە سالدىڭ؟ — دەپ سوراپتۇ.
— مەن بوردا قولۋاق سىرتىغا بىر دۈگىلەك سىزىپ قويدۇم، — دەپتۇ بالىسى.
— ھەي دۆت، — دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ دادىسى، — ئەتە بىز بۇ قولۋاقنى ئىجارىگە ئالغىچە باشقىلار ئېلىپ كېتەمدۇ تېخى!

قانداق بولىدىكەن

بىر چاشقان كىنوخانىدا كىنو كۆرۈۋاتسا، بىر پىل ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈپتۇ. چاشقان كىنونى پەقەت كۆرەلمەپتۇ – دە، ئاچچىقىدا پىلنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇياق– بۇياققا قىمىرلاپ، ئارقىسىغا قاراپتۇ – دە، پىلغا:
— ھە، تۇرۇۋالسا قانداق بولىدىكەن؟ — دەپتۇ.

     

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ