ياڭاق
بىر كۈنى ئەپەندىمنىڭ ئايالىنىڭ تۇغىدىغان ۋاختى كىلىپ قورسىقى تازا ئاغىرىشقا باشلاپتۇ، بۇنى كۆرگەن ئەپەندىمنىڭ ئايالىغا تازا ئچى ئاغىرىپتۇ- دە،
يۈگۈرەپ كىرىپ بىر داس ياڭاق ئاچىقىپتۇدە ،ئايالىنىڭ قورسىقىنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ چاراقلىتىشقا باشلاپتۇ،بۇنى كۆرگەن ئايالىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ئەپەندىم بۇ نىمە قىلغانلىرى مەن ئاغىرىق دەستىدە ئۆلەي دەۋاتسام سېلى نىمىش قىلۋاتىلا دەپتۇ ،
ئەپەندىم:كىچىك بالا دىگەن ياڭاققا ئامراق كىلىدۇ ،ياڭاقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۆزى چىقسا ئەجەپ ئەمەس دەپتۇ،
يازغۇچى: مەمەتئىمىن ئىدىرىس