باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
غىدىق-غىدىق
يوللىغان ۋاقىت:2010-04-18 17:22:23  يازغۇچى:نازىنىن0999  كىلىش مەنبەسى:  ئاۋاتلىقى:3808   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

كىنو كۆرۈش؛

زىيادە سېمىزبىركىشى كىنو كۆرگىلى كىرىپ،مىڭ تەستە ئورنىنى تېپىپ جايلىشىپتۇ.يېنىدىكى كىشى قىستىلىپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭغا دەپتۇ

_سېمىزبولغاندىن كېيىن ئىككى كىشىلىك بىلەت ئالسىڭىزبولمامتى؟

_كەچۈرۈڭ،ئىككى كىشىلىك بىلەت ئالغان،ئەپسۇس بىرسى ئۈستۈن قەۋەتنىڭ ئىكەن....

ئېلىپ بىرەي؛

ئايالى:پەلتۇيۇمنىڭ تۈگمىسى چۈشۈپ قاپتۇ.

ئېرى:ئەتە ئېلىپ بىرەي.

ئايالى:پەلتوما؟

ئېرى:تۈگمە.

بەدەن تەكشۈرۈش؛

ھەربىي سەپكە قاتنىشىدىغانلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئورنىغا بىر ياش يىگىت كىرىپ تىزىملىتىپتۇ.دوختۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى ئازراق نۇقسان سەۋەبىدىن ئىككى قولىنى قانچە قىلىپمۇ بېشىدىن ئېگىزكۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايقاپتۇ،باھالاش قەغىزىگە نېمە دەپ يىزىشىنى بىلەلمەي پىشقەدەم دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپتۇ، دوختۇرئۇنىڭغا:

_لاياقەتلىك دەپ يېزىۋىرىڭ،مېنىڭچە دۈشمەنگە تەسلىم بولۇشتىن باشقا ئىشنىڭ ھەممىنى قىلالىغۇدەك،_دەپتۇ.

قوشكېزەك؛

بىرجۈپ قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىنىڭ چېراي شەكلى،يۈرۈش-تۇرۇشلىرى بەكمۇ ئوخشىشىدىكەن.بىركۈنى قوشنىسى ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ چوڭ قايسىسىنىڭ كىچىك ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەي سوراپتۇ:

_قايسىڭلارچوڭ؟

_ئاكا،ئېيتىپ بەرمەيلى،ئۆزى تاپسۇن.

يىراق تۇرۇش؛

ئايالى:ھاراقنى سۈمۈرگۈچ نەيچە بىلەن ئېچىدىغان بولۇپ قاپسىزغۇ؟

ئېرى:ئۇنتۇپ قاپسەندە،دوختۇرمېنى ھاراقتىن يىراقراق تۇرۇڭ دېگەن ئەمەسمۇ؟

 

يۇمۇرلار؛«شىنجاڭ ياشلىرى»ژۇرنىلى 2008-يىل9-سانىدىن ئېلىندى.

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ