بىر كۈنى بىر يىگىت مۇھەببىتىنى ئېلىپ ئورمانلىققا ساياھەتكە چىقىپتۇ. بۇلار مەنزىلگە يىتىپ كىلىپ ئۆيىسىدىن ئېلىۋالغان تاماقلىرىنى تويغۇچە يەپ بولۇپ ئاندىن ئورمانلىق ئېچىدىكى بىر تاغ ئارىسىغا كىرىپتۇ. ئۇلار گۈزەل مەنزىرلەردىن ھوزۇرلانغاچ شىرىن گەپلەر بىلەن پاراڭلىشىڭپ كىتىپ بارسا ئالدىغا ئەشەددى بىر ئورانگۇتان ئۇچراپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورققىنىدىن كەينىگە داجىشىغا ئورانگۇتان زۇۋان كىرىپ: توختاڭلا! قوسقۇم بەك ئېچىپ كەتتى، مەن سىلەرنى چوقۇم يەيمەن دەپ ۋاقىراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بار كۈچى بىلەن قېچىپتۇ. لىكىن ئۇزاققا قاچالمايلا ئورانگۇتانغا تۇتۇلۇپ قاپتۇ. ئورانگۇتان ئۇ ئىككىسىنى ئىككى قولىدا تۇتۇۋېلىپ ئەمدى ئېغىز تىگەي دېيىشىگە ھېلىقى يىگىت ئورانگۇتانغا يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ. بىزنى قويىۋەتسىڭىز، بىزدە يەيدىغان يىمەكلىكلەر بەك كۆپ ، مەن ھازىرلا ئەكىلىپ بىرەي دەپتۇ. لىكىن ئورانگۇتان تۇرۇپ كىتىپ: سىلەر ئىنسانلار بەك ھېلىگەر كىلىسىلەر، گىپىڭلىدە تۇرمايسىلەر، مىنىڭ نىسىدىن تەلىيىم يوق ، بۈگۈن زادى سىلەرنى يىگىنىم يىگەن دەپ تۇرۋاپتۇ. شۇ ئارىدا ھېلىقى قىز: بىز بىر-بىرىمىزنى بەكلا ياخشى كۆرىمىز، پات-يېقىندا تېخى تويمۇ قىلماقچى ئىدۇق. بىزنى قويىۋەتكەن بولسىڭىز دەپ نۇرغۇن يالۋۇرۇپتۇ، ئۇلار ئىككىسى تولا گەپ قىلىپ ئورانگۇتاننىڭ بېشىنى قايدۇرۇپتۇ. ئاخىرى ئورانگۇتان ئويلۇنۇپ ئۇلارغا بىر شەرىت قويۇپتۇ: مەن بىر شەرىت دەيمەن، ئەگەر مىنىڭ شەرتىمگە قوشۇلساڭلا سىلەرنى قويىۋېتىمەن، قوشۇلمىساڭلا يەۋىتىمەن دەپتۇ. ئۇلار دەرھاللا قوشۇلىمىز دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. ئۇنداق بولسا ھەر ئىككىڭلار چوڭ تەرەپ قىلىڭلا، ئاندىن بىر-بىرىڭلارنىڭ تەرىتىنى يەپ بولۇڭلا، شۇندىلا مەن ئىككىڭلارنىڭ بىر-بىرىڭلارغا بولغان مۇھەببىتىڭلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمەن دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئامال يوق قورققىنىدىن ئاشقازىنى بىكار بولغۇچە تەرەت قىپتۇ. ئاندىن بىر-بىرىنىڭ تەرىتىنى ئالمىشىپ يەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئورانگۇتان ئۇلارنى قويىۋېتىپتۇ. ئۇلار ساياھىتىنى دەرھال ئاياقلاشتۇرۇپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ شەھەرگە قېچىپ كىلىۋاپتۇ. يولدا كەلگۈچە قىز يىگىتىگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئولتۇرۇپتۇ، ئاخىرى يىگىت بۇ جىمجىتلىققا چىدىماي : زادى نىمە بولدىڭىز سۆيۈملۈكۈم ، نىمىشقا ماڭا گەپ قىلمايسىز؟ دەپ سوراپتۇ. قىزمۇ چىداپ تۇرالماي: سىز مىنى زادى ياخشى كۆرەمسىز كۆرمەمسىز؟ مەن سىزنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىمەن سۆيۈملۈكۈم، شۇڭا تەرىتىڭىزنىمۇ يەۋەتتىمغۇ دەپتۇ. قىز يەنىلا خاپا بولۇپ: سىز مىنى ھەقىقى ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز، ھەقىقى ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز ئۇنچە كۆپ تەرەپ قىلمايتىڭىز دېگۈدەك... ھاھاھاھاھا !!! |