ئەپەندىم بىر ئاغىينىسىگە:
-مەن سىزنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەلەيمەن،-دەپتۇ.
-ئۇنداقتا مەن ھازىر نېمە ئويلاۋاتىمەن-دەپ سوراپتۇ ئاغىينىسى.
-سىز ھازىر «ئەپەندىم چوقۇم مەن ئويلىغان نەرسىنى تاپالمايدۇ» دەپ ئويلاۋاتىسىز!-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەپەندىم.
يېڭىسىنى ئالىمىز
ئەپەندىم بىلەن خوتۇنى ئۇخلاپ قاپتىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئوغۇر كىرىپتۇ. خوتۇنى ئوغۇر كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەپەندىمگە دەپتۇ:
-ئەپەندىم، ئەپەندىم، ئۆيگە ئوغرى كىردى.
-ئۈنۈڭنى ئۆچۈر ئۇخلا!
-ئەپەندىم تېلفۇننى ئوغۇرلىدى.
-بوپتۇ، يېڭىسىنى ئالىمىز.
-ئەپەندىم تېلىۋىزورنى ئوغۇرلىدى.
-بوپتۇ، يېڭىسىنى ئالىمىز.
-ئەپەندىم، ئوغۇرلار مېنى ئوغۇرلاپ كېتىۋاتىدۇ.
-بوپتۇ، يېڭىسىنى ئالىمىز.
پەرىز قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى
ئالىم بىلەن ئادىل مەكتەپكە كېتىۋاتقىنىدا تۇيۇقسىز يامغۇر يېغىپ كەتتى.
-ئاپامنىڭ پەرەز قىلىش ئىقتىدارى بەك يۇقىرى. ئۇ بۈگۈن يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى بىلىپ مېنى كۈنلۈك ئېلۋال دىگەن،-دىدى ئالىم مەغرۇرلانغان ھالدا كۈنلۈكنى ئىچىپ.
ئادىل ئالىمنىڭ كۈنلۈكى ئاستىغا كىرىپ ئالدىرماي مۇنداق دىدى:
-ئاپامنىڭمۇ پەرەز قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى. ئۇ ماڭا ئالىمنىڭ كۈنلۈكى بولغاندىكىن، سەن كۈنلۈك ئالمىساڭمۇ بولىدۇ دىگەن.
پۇتبول ھەۋەسكارى
ئىتالىيلىك بىر پۇتبول ھەۋەسكارى تېلىۋىزوردا پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرىۋاتاتتى. مۇسابىقە تۈگەي دەپ قالغاندا ئۇ بەك بېرىلىپ كۆرىۋاتقاچقا ئايالىنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىمىدى. ئايال ئاچچىقىدا ئۇنىڭ بېشىغا چۈمۈچ بىلەن بىرنى سالدى، دەل شۇ چاغدا ئىتالىيە كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ يەڭدى. ئۇ بېشىنى سىلىغاچ:
-نېمە دىگەن ياخشى! بۇ توپ ھەم نىشانلىق ھەم قاتتىق تېپىلدى. بۇنى ھەتتا مەنمۇ ھېس قىلالمىدىم،-دىدى.