ئاشپۇزۇلنىڭ ئېلانى .
« مەرھەمەت ، ئاشپۇزۇلىمىزغا كىرىپ غىزالىنىڭ ، بولمىسا ، سىزمۇ ئاچ يۈرۈيسىز ، مەنمۇ ئاچ قالىمەن !»
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانى .
مەلۇم فىرانسۇز تىلى كۇرسىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا مۇنداق دېيىلگەن : « سىز بىر دەرىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، بۇ دەرىسىنى ياخشى كۆرمىسىڭىز ، ئوقۇش پۇلىڭىزىنى قايتۇرۋېلىشىنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ ، بىراق گېپىڭىزىنى فىرانسۇزچە دېيىشىڭىز كېرەك !»
يېڭى كىتاب ئېلانى .
چەت ئەلدىكى مەلۇم بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلغان كىتابى ئۈچۈن مۇنداق ئېلان چىقارغان : « بۇ كىتابقا ئون ھېكايە كىرگۈزۈلگەن . ئۇ ھېكايىلەرنى نۇرغۇن كېچىلەردە ئۇخلىماي يېزىپ چىقتىم ، ئەمدى بۇ كىتابنى بىر يۈەنگە ئوقۇرمەنلەرگە ئىئانە قىلىمەن ، دېمەك ھەر بىر ھېكايەم ئاران بىر موغا يارىغان بولىدۇ » .
پەرداز بۇيۇملىرى ئېلانى .
« ئىشتىن بالدۇرراق چۈشۈڭ ، < دانىخورەك > قالدۇرۇپ قويماڭ » .
گۈلخانىنىڭ ئېلانى .
« بىر قانچە گۈل سېتىۋېلىپ ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان ئادىمىڭىزگە تەقدىم قىلىڭ ، ئەمما خوتۇنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ !»
كۆز دورىسى ئېلانى .
« ... بۇ دورىنى كۆزىڭىزگە تېمىتىپ ، كۆزىڭىزىنى بىر قانچە قېتىم چۆرگىلەتسىڭىز ، دورا پۈتۈن كۆز شارى ( كۆز ئالمىسىنى دېمەكچى ) نى قاپلايدۇ ... » .
قەبرە تېشىدىكى ئېلان .
« بۇ يەردە خىمىس مىكتىۋىس مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا پاتتى . ئۇنىڭ قايغۇغا چۆمگەن خوتۇنى ئۇنىڭ روناق تاپقان كەسپى - كۆكتات - مىۋە سودىگەرچىلىكىگە ۋارىسلىق قىلدى . بۇ ماگىزىن 11 - نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدا ھەر كۈنى سائەت سەككىزگىچە تىجارەت قىلىدۇ » .
كۆزئەينەك دۇكىنىنىڭ ئېلانى .
« كۆز - قەلىبنىڭ دېرىزىسى ، جېنىڭىزىنى قوغداپ قالاي دېسىڭىز ، دېرىزىڭىزىگە ئەينەك سالدۇرۋېلىڭ !»