باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
نېمە چارە
يوللىغان ۋاقىت:2010-01-16 13:46:15  يازغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:1212   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

ئەپەندىم تۇيۇقسىز مېھمان باشلاپ كەپتۇ - دە مېھمانلارنى ئىشىك ئالدىدا قويۇپ، ئۆيدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە كىرىپتۇ.
خوتۇنى ئاچچىقلاپ: - ئۆيدە مېھمانغا قويغۇدەك ھېچنېمە بولمىسا، نېمىشقا مېھمان باشلاپ كېلىسىز؟ - دەپ كايىپتۇ.
- ئەمىسە سەن چىقىپ " ئەپەندىم ئۆيدە يوق " دەپ قويغىن، قالغىنىنى ئۆزۈم جايلايمەن، - دەپتۇ ئەپەندىم.

 ئەپەندىمنىڭ خوتۇنى ھويلىغا چىقىپ: - مېھمانلار، ئەپەندىم ئۆيدە يوق ئىدى، ئۆزى بار ۋاقىتتا كېلەرسىلەر، - دەپتۇ.
- يالغان گەپ قىلماڭ، - دەپتۇ مېھمانلار،
- ئەپەندىم بىزنى باشلاپ كېلىپ ھازىرلار ئۆيگە كىرىپ كەتكەنىدىغۇ!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرغان ئەپەندىم خوتۇنىنى خىجالەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرماق بولۇپ:
- جاھىل مېھمان ئىكەنسىلەر، يوق دېگەندىكىن يوق - دە!
ئەپەندىم ئالدى ئىشىكتىن كىرىپ كەتكەن بولسا، خوتۇنىدىن قورقۇپ كەينى ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەندۇ، ئۇنىڭغا نېمە چارە! - دەپتۇ.

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ