باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
موللا شەيتان
يوللىغان ۋاقىت:2010-01-16 13:48:42  يازغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:1283   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

ئەپەندىم ئىماملىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، نامازدىن كېيىن كىشىلەرگە ۋەز ئېيتىپتۇ:

 - ئەزىز بەندىلەر، ھەرگىز شەيتاننىڭ سۆزىگە كىرمەڭلار، شەيتان ئېزىقتۇرىدۇ، يامان يولغا باشلايدۇ... مەسچىتتە ئولتۇرغانلاردىن بىرى:

 - ئەپەندىم، ھازىرلا مېنى شەيتان ئېزىقتۇرۇۋاتىدۇ، قانداق قىلاي؟ - دەپ سوراپتۇ.

 - نېمىدەپ ئېزىقتۇرۇۋاتىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ئەپەندىم.

 - ئىككى چاپاننىڭ بىرىنى ئىمامغا بەرگىن دەۋاتىدۇ. - دەپتۇ ھېلىقى كىشى.

- ئۇنداق بولسا ئۇ موللا شەيتان ئىكەن، ئۇنىڭ گېپىگە كىرسىڭىز بولىدۇ، چاپاننى بۈگۈندىن قالدۇرماي ئەكېلىپ بېرىڭ! - دەپتۇ ئەپەندىم.

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ